ھىندىستان يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى


2007-04-12
Share

ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستاننىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بارغان، يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبا، خىتاينىڭ بېيجىڭ ۋە شاڭخەي شەھەرلىرىنى نىشانغا ئالالايدىكەن.

ھىندىستاننىڭ يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى، چىڭ گاڭ بۇ ھەقتە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەزكۇر بومبا سىنىقى جۇڭگونىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ھىندىستاننى رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى كۈچەيتىشكە چاقىردى.

چىڭ گاڭ سۆزىدە يەنە "بىز ھىندىستاننىڭ رايون بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشىنى ۋە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز" دېدى.

ھىندىستان سىناق قىلغان 48 توننا ئېغىرلىقتىكى يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئۇزۇنلىقى 16 مېتىر بولۇپ، 4000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى نىشانغا يېتەلەيدىكەن. ئۆتكەن يىلى 7 ‏- ئايدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلغان بۇ سىناق مەغلۇب بولغان ئىدى. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت