پاكىستان ۋە ھىندىستان رەھبەرلىرى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشقا كېلىشتى


2005.04.18

پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپنىڭ ھىندىستانغا قاراتقان ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتى ئاخىرلاشتى.

پەرۋىز مۇشەررەپنىڭ زىيارىتى جەريانىدا، پاكىستان بىلەن ھىندىستان رەھبەرلىرى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تىجارەت ۋە ساياھەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا بىر قاتارلىق كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى.

ھىندىستان باش مىنىستىرى مۇنماخان سىڭ پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كەشمىر مەسىلىسىنى بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن جىددىي ۋە سەمىمىي يوسۇندا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە ھىندىستان ۋە پاكىستان رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە كەشمىر مەسىلىسىدە چوڭ بىر ئىلگىرىلەش بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككى تەرەپ كەشمىر مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلىرىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، كۆپرەك ئىككى دۆلەت ھەمكارلىشالايدىغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئىستراتېگىيىسىنى ئېلىپ بېرىپ، بۇ ساھەلەردە ھەمكارلىشىش توغرىسىدا كېلىشىملەر ئىمزالىغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھىندىستان ۋە پاكىستان رەھبەرلىرى ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرنىڭ نەتىجىلىرىدىن ناھايىتى خۇرسەن ئىكەن.

پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ دۈشەنبە كۈنى ئەتتىگەن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ھىندىستان رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر، ئۇنىڭ كۈتكىنىدىنمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.