خوللىۋۇتنىڭ فىلىم دىرېكتورى سپىلبېرگ ئەپەندى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن چېكىندى
2008.02.13
ھوللىۋۇتنىڭ فىلىم دىرېكتورى ستۋېن سپىلبېرگ ئەپەندى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ سەنئەت مەسلىھەتچىلىكىدىن ئىستىپا بەردى. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ۋەزىپىدىن ئىستىپا بېرىش باياناتىدا 'مەن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش ۋە مۇقەددىمە مۇراسىمىغا قاتنىشىشتىن ۋاز كەچتىم' دەپ جاكارلىدى.
سپىلبېرگ ئەپەندى بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنى 'دارفوردا 200 مىڭ ئادەمنى يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىدىغان پاجىئەنى پەيدا قىلدى'، 'ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشىۋالغاندىن كېيىنلا، كىشىلەرگە سىياسىي بىلەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بىرلەشتۈرۈۋالدى، دەپ زەربە بېرىشكە باشلىدى' دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، بۇ ئەيىبلەشلەرگە پىسەنت قىلمىغان ئىدى. بۇ قېتىم بېيجىڭ ھۆكۈمىتى سپىلبېرگ ئەپەندىنىڭ ئولىمپىكتىن چېكىنگەنلىكىگە قاتتىق ئاچچىقلانغان.
ئارتىس ميا فارروۋ خانىم ب ب س مۇخبىرىغا "مەن سپىلبېرگ ئەپەندىنىڭ قارارىنى قارشى ئالىمەن، مېنىڭ قارىشىمچە، بۇرۇن چوڭ قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغان بۇ يەھۇدىنىڭ ھازىر 'مىللىي قىرغىنچىلىق قىلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى'غا قاتناشماسلىقى تەبىئىي" دېدى. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئەنگىلىيە ئولىمپىك جەمئىيىتى ئۆز تەنھەرىكەتچىلىرىگە ئولىمپىكتا سىياسى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماسلىق تەكلىپى بەرگەن
- نوبېل مۇكاپاتى ساھىپلىرى خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋغا خەت يازدى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇشنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- جەنۇبىي ئاستانە گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى قويۇۋېتىلدى
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى : خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەدىسىدە تۇرمىدى
- ئولىمپىككە يېرىم يىل قالغان پەيتلەردە خىتاي ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە
- خىتايدا ئۇيغۇر ئاخبارات ساھەسى تېخىمۇ ئېغىر تەقىپ ئاستىدا
- ئولىمپىك كومىتېتى ئاخبارات ئەركىنلىكى جەھەتتە بەرگەن ۋەدىسىنى ئاقلىمىدى
- ئۇيغۇر بوكسيور مۇھەممەد تۇرسۇن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى
- خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمىغا تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- " ئەنگلىيە شاھزادىسى چارلىز ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتناشمايدۇ "









