خۇ جىنتاۋ بويىڭ ئايرۇپىلانىنى ياساش زاۋۇتىنى زىيارەت قىلدى


2006.04.19
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ چارشەنبە كۈنى دۇنيادىكى ئايرۇپىلان ياساش ساھەسىنىڭ ئەڭ چوڭى بولغان بويىڭ شىركىتىنىڭ ئايرۇپىلان ياساش زاۋۇتىنى زىيارەت قىلدى.

تېخى بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىن 4 يېرىم مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى 80 دانە بويىڭ ئايرۇپىلانىنى سېتىۋېلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان ئىدى. بويىڭ شىركىتى ھەتتا، خىتايلار ئەنئەنىسىدە 8 دېگەن رەقەمنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئايرۇپىلانلارنى بۇرۇنقى بويىڭ 747 دىن بويىڭ 787 قىلىپ ياساپ بېرىشكە قوشۇلغان.

خۇ جىنتاۋ سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىغا قەدەم قويغان كۈنى ۋاشىنگتون شىتاتىنىڭ سىياتۇل شەھىرىدە مايكروسوفت يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ خوجايىنى بىل گېيتسنىڭ كۈتىۋېلىشىغا ئېرىشتى. شۇ كۈنى خۇ جىنتاۋ يەنە، مايكروسوفت شىركىتىنىڭ باش شىتابىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ئەقلىي مۈلۈكنى قوغداش جەھەتتە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىل گېيتس خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى ئۈچۈن سەيشەنبە كۈنى كەچتە ئۆزىنىڭ داچىسىدا زىياپەت ئويۇشتۇرغان ھەمدە بۇنىڭغا ۋاشىنگتون شىتات باشلىقى ۋە سىياتۇل شەھەر باشلىقىمۇ قاتناشقان. خۇ جىنتاۋ چارشەنبە كۈنى كەچ ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتونغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇ پەيشەنبە كۈنى ئاق سارايدا پرېزىدېنت بۇش بىلەن ئۇچراشماقچى. شۇنداقلا ئىككى تەرەپ ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ خىتايغا پۇل ئىسلاھاتى توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، تاشقى سودا ھەمدە شىمالىي كورىيە ۋە ئىران مەسىلىلىرىدە سۆھبەتلىشىشى مۇمكىن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.