خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ يەكشەنبە كۈنى پاكىستانغا قاراتقان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دۆلىتىگە قايتتى.
خىتاي ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، خۇ جىنتاۋ پاكىستان بىلەن ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە كېلىشىملەر تۈزۈپ، بۇ جەھەتتىكى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ۋەدە بەرگەن.
خۇ جىنتاۋ پاكىستان سودا ساھەسى بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ بۇ مەسىلىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ يەكشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ لاھور شەھىرىدىكى بىر قەدىمى باغچىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، پاكىستان-خىتاي سودا ھەمكارلىقلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرسەتكەن.
جۈمە كۈنى مۇشەررەپ بىلەن خۇ جىنتاۋ پاكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودىنى كېلەركى بەش يىل ئىچىدە 15 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى مۇددىئا قىلغان بىر سودا كېلىشىمىگە قول قويغان شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ پاكىستاننىڭ يادرو قوراللىرىنى راۋاجلاندۇرۇش پىلانىغا ياردەم قىلىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ ۋەدە بەرگەن ئىدى.
پاكىستان بىلەن خىتاي يەنە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشتىكى ھەمكارلىق مەسىلىسىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، پاكىستان ھۆكۈمىتى ئىلگىرى بىر قانچە نەپەر ئۇيغۇرنى تۇتۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، بۇلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. پاكىستان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىشتە خىتاينىڭ ئىشەنچىلىك ياردەمچىسىگە ئايلانغان. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي بىلەن پاكىستان ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى
- خۇ جىنتاۋ پاكىستاندىكى زىيارىتىنى باشلىۋەتتى
- خۇ جىنتاۋغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بىر تىبەتلىك ئۆزىگە ئوت قويۇش بىلەن بىرگە، خىتاي بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى
- خۇ جىنتاۋنىڭ ھىندىستان زىيارىتى تىئىبەتلىكلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىق ھەرىكىتى بىلەن قارشىلاشتى
- بۇش ۋە خۇ جىنتاۋ كورىيە يادرو قوراللىرى تەھدىتى مەسىلىسى ئۈستىدە تېلېفۇن سۆھبىتى ئېلىپ باردى