كانادا پوۇقرالىرىنىڭ كۆپچىلىكى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە ھۆكۈمەتنىڭ قەتئى بولۇشىنى ياقلىدى


2007.05.04

كانادادىكى ئانگۇس رېيد ستىراتىگىيىلەر ئىنىستىتۇتى، دەپ ئاتلىدىغان بىر ئورگاننىڭ ھۈسەييىن جېلىل مەسىلىسى تېما قىلغان خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، راي سىناشقا قاتناشقان كانادا پۇقرالىرىنىڭ % 73 ئى كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھۈسەيىن جېلىلنغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەنلىكىگە دىپلوماتىك قاناللار بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈش ياكى ئاشكارە تەنقىد قىلىش كېرەك، دەپ قارىغان.

راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ % 15 كانادا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلە بىلەن كارى بولماسلىقى كېرەك شۇنداقلا خىتاي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلىش كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھۈسەيىن جېلىلنى قوللىغۇچىلارنىڭ % 46 مەسىلىنى دىپلوماتىك قاناللار بىلەن ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. % 27 قاتناشقۇچى، خىتاي دائىرىلىرىنى ئاشكارە تەنقىد قىلىشنى قوللىدى.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئۆتكەن يىلى ئۆزبېكىستاندىن ئۆتكۈزۈۋالغان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل ئۈستىدىن ئۈرۈمچىدە مەخپىي سوت ئېچىپ، ئۇنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنى كانادا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى پېتېر مېكېي بېيجىڭنى زىيارەت قىلىشتىن سەل بۇرۇن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسى پېتېر مېكېينىڭ 30 - ئاپرىلدىكى بېيجىڭ زىيارىتىدە مۇھىم كۈنتەرتىپنى ئىگىللىگەن.

بۇ قېتىمقى راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ % 35 ئى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدىن مەمنۇن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىلنى ئۆتكەن يىلى 5 - ئايدا ئۆزبېكىستاندىن ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بېرى، ئۇنىڭ كانادا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلماقتا. شۇنداقلا كانادا دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.