ھۈسەيىن جېلىل ئاخىرى ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولالىدى


2007.06.06

كانادا پۇقراسى، ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىسى ھۈسەيىن جېلىل تۈرمىگە تاشلىنىپ بىر ئاي ئاشقاندا ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھۈسەيىن جېلىل ياللىغان ئادۋوكات خىتاي بولۇپ، ئۇ ئادۋوكاتى بىلەن پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى ئىككى قېتىم كۆرۈشكەن. ھەر ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىش ئىككى سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشقان.

ئىلگىرى ، خىتاي دائىرىلىرى نە كانادا ئەلچىخانىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى، نە ھۈسەيىن جېلىل ياللىغان ئادۋوكاتلارنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈرگىلى قويمىغان ھەمدە يەنە بۇ يىل ئاپرىلدا ھۈسەيىن جېلىلنى ئۈرۈمچىدە سوتلىغاندا، كانادا ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ سوت مەيدانىغا كىرىشىگە يول قويمىغان ئىدى. سوتتا ھۈسەيىن جېلىلغا خىتاي سوت مەھكىمىسى تەيىنلىگەن ۋاكالەتچى ئادۋوكاتلىق قىلغان بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك ئادۋوكاتنى ئۇنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ياللىغان ئىكەن.

كانادادا نەشىر قىلىنىدىغان " يەرشارى مەكتۇپلىرى" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدىكى بىر پارچە ماقالىدە، كانادا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى مەمەت توختىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈلىشىچە، ھۈسەيىن جېلىل ياللىغان خىتاي ئادۋوكاتقا ھۈسەيىن جېلىل بىلەن ئىزچىل كۆرۈشۈشكە يول قويۇلىدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت بېرىلگەن.

ئۆتكەن ئايدا كانادانىڭ سابىق باش مىنىستىرى پائۇل مارتىن، ئافرىقا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايدا زىيارەتتە بولغان. بۇ جەرياندا مارتىن ئەپەندى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن يېرىم سائەت ئەتراپىدا سۆھبەتلەشكەن ۋە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم ۋېن جياباۋدىن كانادا ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

مەمەت توختىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۈسەيىن جېلىل بىلەن كۆرۈشۈش ئىشلىرىدا ئوڭايلىق تۇغۇلۇشى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دېلودىكى مەيدانىنىڭ قاتتىق بولۇشى ۋە مارتىن ئەپەندىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنىڭ پايدىسىدىن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئادۋوكات بىلەن ھۈسەيىن جېلىلنىڭ سۆھبىتىگە يەنە بىر تەرجىمان ۋە بىر مەخپىي ساقچى قاتناشقان بولۇپ، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى يامان ئەمەس ئىكەن.(جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.