خىتاي ھۆكۈمىتى، ھۆسەيىن جېلىلنى ئادۋۇكاتى بىلەن ئۇچرىشىشقا رۇخسەت قىلدى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى، كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنى، ئادۋۇكاتى بىلەن كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلغان.

كانادا-ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ھۈسەيىن جېلىل ئۆتكەن ھەپتە پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنى ئىككى قېتىم ئادۋۇكاتى بىلەن كۆرۈشكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە، ھۆسەيىن جېلىلنى ئادۋۇكاتى بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىق پوزىتسىيىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەتتا كانادا باش ئەلچىلىك خادىملىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىش تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتىسىيىدىكى بۇ ئۆزگۈرۈشنىڭ سەۋەبى نىمە؟

يۇقۇردىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ بۇ ھەقتە كانادا-ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە قۇلاق سالغايسىز.