كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Peter Mackay خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ھۆسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ھۆسەيىن جېلىل خىتاي تۈرمىسىدە قىيىن-قىستاققا ۋە تەن جازاسىغا ئۇچرىمىغان ئىكەن.
30 - ئاپرىل بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Peter Mackay مۇنۇلارنى بىلدۈردى "ئەلۋەتتە جېلىل ئەپەندىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، بولۇپمۇ ھازىرغا قەدەر مەزكۇر كانادا پۇقراسى بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىمىزنىڭ رەت قىلىنىشىدىن چوڭقۇر ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىمىزنى ئىپادىلىدىم".
Peter Mackayنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ھۆسەيىن جېلىل مەسىلىسى ئۇ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن ئۆتكۈزگەن 4 سائەتلىك دىئالوگىنىڭ باش تېمىسى بولغان.
Peter Mackay ھۆسەيىن جېلىلنىڭ تۈرمە ھاياتى ئۈستىدە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچىنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ: ھۆسەيىن جېلىلنىڭ تۈرمىدە قىيىن - قىستاققا ئېلىنمىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭغا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ھۆرمەت قىلىنغان ئاساستا مۇئامىلە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقرالىقىنى ئېتىراپ قىلماي "ھۆسەيىن جېلىل مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى" دەپ چىڭ تۇرۇپ، كانادا تەرەپنىڭ ھۆسەيىن جېلىل بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىنى ئىزچىل تۈردە رەت قىلىپ كەلگەن بولغاچقا بۇ مەسىلە كانادا-خىتاي ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشنىڭ مەركىزى بولۇپ كەلگەن.
Peter Mackay يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: "ھۆسەيىن جېلىل بىلەن كۆرۈشۈشكە يول ئېچىش ھۆكۈمىتىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدىنىمىز".
ھۆسەيىن جېلىل 2005-يىلى كانادا پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، 2006-يىلى ئۆزبېكىستانغا تۇغقان يوقلاشقا بارغاندا تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ھۆسەيىن جېلىلنى "تېررورلۇققا قاتنىشىش ۋە دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش" دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەن ئىدى. (جۈمە)