نيۇيوركتا ،خىتاي ھاكىميىتى ئاستىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نىڭ ئەھۋالى ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
2006.07.27
27- ئىيول كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالى تېمىسىدا بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى ئىچىلدى.
ئىگىلىشىمىزچە، خەلقئارا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇلغان مەزكۈر يېغىندا، خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشاۋاتقان ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتمائىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى ھەمدە خىتاي ئاساسي قانۇنىدا ئازسانلىق مىللەتلەرگە تونۇلغان ھوقۇقلارنىڭ ئەمەلىيەتتە قانداق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربنى ئىچىش سىياسىتى ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان.
ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يېغىنغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر، ئۇيغۇر ۋە تىبەت مۇتەخەسسىسلىرى شۇنىڭدەك سىياسىي پائالىيەتچىلەر ھەمدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.
يىغىن ئويۇشتۇرغۇچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىن داۋمىدا ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرخانىم ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇئارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات بېرىدىكەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، دىنىي ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ يوقلىقى بىلەن ئەيىبلەندى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتايدىن ياڭ جيەنلىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- رابىيە قادىرنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈرۈمچىدە ساقچىلار تەرىپىدىن سوراق قىلىندى
- قازاقىستاندا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- قازاقىستاندا خەلقئارالىق ئۇيغۇرشۇناسلىق يىغىنى ئېچىلىدۇ