خىتاي، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشى ئۈچۈن پائالىيىتىنى تىزلەشتۈردى


2005.03.24

خىتاي ھۆكۈمىتى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتىنى تىزلەشتۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ بېيجىڭدا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز سىياسىي پاراسىتى ۋە جاسارىتىنى كۆرسىتىپ، تىزدىن قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېگەن.

ياۋرۇپا ئىتتىپاقى دىپلوماتلىرى، خىتايغا قارىتىلغان قورال ئىمبارگوسىنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا ئىدى. لېكىن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى -14 مارت كۈنى دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇننى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلسىدە ئىككىلىنىپ قالغان.

ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونى بىلىيەر پەيشەنبە كۈنى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ قورال سودىسىنىڭ قائىدىلىرىنى بەلگىلەيدىغان كۈچلۈك بىر پرىنسىپ بىكىتىلمەستىن، خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلمايدۇ، دېدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشىغا قارشى چىقماقتا.

ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ،1989 - يىلى تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىك ھەرىكىتى قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتايغا قارشى قورال ئىمبارگوسىنى يولغا قويغان ئىدى . (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.