ياۋرۇپا ئىتتىپاقى پات ئارىدا خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش ھەققىدە قارار چىقارمايدۇ
2005.04.15
ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى جۈمە كۈنى يىغىن ئېچىپ، خىتايغا يۈرگۈزۈۋاتقان قورال سېتىپ بەرمەسلىك چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش ياكى قىلماسلىق ھەققىدە بۇ يىل 6 - ئايدىن بۇرۇن قارار چىقارماسلىقنى بېكىتتى.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىسارى بەنىتا ۋولىدنېر بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ، "بىز قورال چەكلىمىسنى بىكار قىلىشقا قاراپ داۋاملىق ھەرىكەت قىلىمىز. بىراق بۇ قارار ئۇنداق ئاسان ۋە تېز ئېلىنمايدۇ" دېدى.
گىرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يوشكا فىشىرمۇ ۋولىدنېرنىڭ كۆز قارىشىغا قوشۇلۇپ، بېيجىڭنىڭ چوقۇم ئالدى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىشى ۋە تەيۋەن بىلەن بولغان ئىختىلاپىنى ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقى 1989 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىك ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرغاندىن كىيىن، خىتايغا قورال سېتىپ بەرمەسلىك چەكلىمىسىنى يۈرگۈزگەن. قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىدە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدىمۇ ئىختىلاپ بار بولۇپ، فرانسىيە ۋە گىرمانىيە قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش تەرەپدارى. ھالبۇكى، ئەنگىلىيە، دانىيە، شىۋىتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قورال چەكلىمىسىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈشنى خالايدۇ.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىدىن بىر كۈن بۇرۇن، ياۋرۇپا پارلامېنتى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا يۈرگۈزگەن قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىغا قارشى تۇرىدىغان قارار ماقۇللىغان ئىدى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- فرانسىيە ياپونىيىگە خىتايغا قارىتىلغان قورال چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشى ھەققىدە ئىزاھات بەردى
- خىتاي، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشى ئۈچۈن پائالىيىتىنى تىزلەشتۈردى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشتا ئىككىلەندى
- خىتايدىكى ئىنسانپەرۋەر زاتلار خىتايغا قارىتىلغان ئىمبارگونى بىكار قىلىش شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- شىراك: خىتايغا قارىتىلغان قورال ئىمبارگوسى بىكار قىلىنسىمۇ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتايغا قورال ساتمايدۇ