ئامېرىكا خىتاينىڭ 6 شىركىتىگە ئىمبارگو بەردى


2005.12.28

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ 6 شىركىتىگە ئىرانغا چەكلەنگەن تېخنىكىلارنى ساتقانلىقى ئۈچۈن ئىمبارگو قويۇشىنى ئەيىبلەپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ خىتاي شىركەتلىرىگە قويغان چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئادام ئىرەلى سەيشەنبە كۈنى 9 چەتئەل شىركىتىگە ئىمبارگو قويغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ ئارىسىدا 6 سى خىتاي شىركىتى، ئىككىسى ھىندىستاننىڭ ۋە بىرى ئاۋسترالىيىنىڭ شىركىتى ئىكەن.

ئادام ئىرەلى سۆزىدە، ئىشەنچلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىرانغا كەڭ كۆلەمدە يوقۇتۇش خاراكتېرلىك قوراللارنى ياسىغىلى بولىدىغان ئەسۋاپ ۋە تېخنىكىلارنى ساتقانلىقى ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما بۇ ئىشەنچلىك ئۇچۇرلار توغرىسىدا تەپسىلىي توختالمىدى.

ئامېرىكا 2000‏- يىلى " ئىراننىڭ كەڭ كۆلەمدە يوقۇتۇش خاراكتېرلىك قوراللىرىنى چەكلەش" قانۇن لايىھىسىنى بېكىتكەن ئىدى. بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇپ 5 يىلدىن بۇيان ئامېرىكا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 40 نەچچە شىركەتكە ئىمبارگو بەرگەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.