ئىككى نەپەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن، ئۆزبېكىستانغا ئىقتىسادىي جازا بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ تەكلىپنى، ئارىزونا شىتاتىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون ماكېين ۋە نيۇ-جېرسېي شىتاتىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىس سمىس ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇلار تەكلىپىدە ئاساسلىقى ئۆزبېكىستاننىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۆزبېكىستانغا ھېچقانداق ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى بەرمەسلىككە ئۈندىگەن.
بۇ ئىككى دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى يەنە ، بۇ جازانى بىكار قىلىش شەرتلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ، پەقەت ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف ئابرويلۇق بىر خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ مەخسۇس ئۆزبېكىستانغا بېرىپ، ئەندىجان ۋەقەسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويغاندا ھەمدە بۇ تەشكىلات تەكشۈرۈشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ جازانى بىكار قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىس سمىس " ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئېغىر تەن جازاسى بېرىش جەھەتتىكى خاتىرىسى كىشىنى چۆچىتىدۇ" دەپ كۆرسەتتى. شۇنداقلا ئۇلار يەنە ئەندىجان ۋەقەسىدىن كېيىن، بۇ ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)