ھىندىىستان باش مىنىستىرى خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى
2008.01.12
ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموھانسىڭ، ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھىندىستان باش مىنىستىرى بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ، باش مىنىستىر ۋېن جىياباۋ قاتارلىق خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، دۇنيادىكى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىككى چوڭ دۆلەت ھېسابلانغان، ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، شانكەر مەنون، مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ھىندىستان باش مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىقى خىتاي زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، ھىندىستان باش مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ، ھىندىستان -خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئەڭ تەرەققىي قىلغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكىنى، زىيارەتتىن بۇرۇن ھىندىستان ۋە خىتاينىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەربىي مانېۋېر قاتارلىق، بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
ئەمما، سىياسىي مۇلاھىزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ھىندىستان ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما 1962- يىلىدىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يەنىلا جىددىي ئىشەنچسىزلىك مەۋجۇت بولۇپ، تېخى ھەل قىلىنىشى كېرەكلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر بار ئىكەن.
ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بولۇپمۇ، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت چېگرا ئىختىلاپى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا جىددىي توسقۇنلۇق قىلماقتا. ھىندىستان ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېگرا ئىختىلاپى ۋە خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ھىندىستان تېررىتورىيىسىگە بۆسۈپ كىرىش ئەھۋاللىرى، باش مىنىستىر مانموھانسىڭ، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان سۈھبەتلەرنىڭ ئاساسلىق تېمىلىرىنىڭ بىرىنى تەشكىللەيدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاي ھەققىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرگە تەييارلانماقتا
- خىتاي بىلەن ھىندىستان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە
- ھىندىستان، خىتاي ۋە رۇسىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى
- دېموكرات پارتىيىسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك پرېزىدېنت نامزاتى دەپ قارالغان، خېلەرى كلىنتون بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھازىردىنلا بۇزۇلۇشقا باشلىدى
- ھىندىستاندا كەڭ كۆلەملىك نامايىش بولدى
- گېرمانىيە بىلەن خىتاي خاكىر ھۇجۇمى مەسىلىسىدە جىددىي سۆزلەشمەكتە
- خىتاي، رۇسىيە، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى خاربىندا سۆھبەت ئۆتكۈزدى