خىتاي ياپونىيىنىڭ ئاق تاشلىق كىتابىنى ئەيىبلىدى


2005.08.03

ياپونىيە سەيشەنبە كۈنى دۆلەت مۇداپىئە يىللىق دوكلاتىدا، خىتاي تەھدىتى نەزەرىيىسىنى ئاستىرتتىن ئەكس ئەتتۈرگەندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، بۇ ئاق تاشلىق كىتابنى "ھېچقانداق ئەمەلىي ئاساسىي يوق" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوڭ چۈەن سۆزىدە، "ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئوچۇق ھالدا خىتاينى تەھدىت دەپ جار سېلىشىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. بۇ پەقەت ئاممىنى خاتا چۈشەنچىگە باشلايدۇ ھەمدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا گۇمان ۋە ھېسىيات قارشىلىقىنى پەيدا قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ" دەپ بىلدۈردى.

كوڭ چۈەن سۆزىدە يەنە، ياپونىيە تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇنداق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قىلماستىن، بەلكى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز-ئارا ئىشەنچ ۋە دوستلۇقىغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە دائىرىلىرى دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابىدا، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ھەربىي خىراجىتى ۋە ھەربىي زامانىۋىيلاشتۇرۇش تەرەققىياتىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.