خىتاي بۇ يىلمۇ ئىنتېرنەتكە دۈشمەن دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى
2007.05.04
مۇخبىرلار ھوقۇقىنى قوغدايدىغان بىر خەلقئارا تەشكىلات جۈمە كۈنى دۇنيادىكى ئىنتېرنەتكە دۆشمەن، دەپ قارالغان ئاساسلىق دۆلەتلەر تىزىملىكى ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئىنتېرنەتكە دۈشمەن، دەپ قارالغان 13 دۆلەت ئىچىدە 4 - ئورۇندىكى دۆلەت، دەپ جاكالىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىنتېرنەتنى ئەڭ قاتتىق كونترول قىلىدىغان دۆلەت، دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن 1 - ئورۇنغا تىزىلغان. بلۇروسىيە بىلەن بېرما ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىدىغان تور بەتلىرىنى چەكلەش جەھەتتە ئەڭ قاتتىق دۆلەتلەر، دەپ قارىلىپ، 2 - ۋە 3 - ئورۇنغا تىزىلدى.
مەركىزى فرانسىيە پايتەختى پارىژدىكى چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى، خىتاينى ئىنتېرنەتكە دۈشمەن دۆلەتلەر قاتارىدا 4 - ئورۇنغا تىزغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئىنتېرنەت ئالاقىسىنى چەكلەش تېخنىكىسى جەھەتتە 1- ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تور بېتىدىكى ئاتالمىش "ئەكسىلئىنقىلابى" خاراكتىرلىك ھەر قانداق سۆزلۈكنى چەكلىمەكتە. بۇنىڭدىن سىرت خىتاينىڭ ئىنتېرنەتتە پىكىر بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن 52 كىشىنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى يازدى.
ئىنتېرنەتنى ساقچىلار نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، تور پونكىتلىرى دائىم ئۆز ئۆزىنى تەكشۈرەپ تۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ سەزگۈر مەسىلىلەردە پىكىر بايان قىلىشى چەكلىنىۋاتقانلىقىنى ئەيىپلىدى. چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ تىزىملىكىدىكى 13 دۆلەت ئىچىدە يۇقۇرىقى دۆلەتلەردىن باشقا يەنە ئىران، مىسىر، شىمالىي كورىيە، كۇبا قاتارلىق دۆلەتلەر ئورۇن ئالغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 3 - ماي دۇنيا ئۇچۇر ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ...
- خىتاي ئىنتېرنېت ئالاقىسىگە بولغان كۆزىتىش، تەكشۈرۈش ۋە تەقىب قىلىش تېخنىكىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتمەكچى
- بۇندىن كىيىن خىتايدا ئىنتېرنېت تورخانىسى ئېچىشقا تەستىق بېرىلمەيدۇ
- خىتاي مەتبۇئات ساھەسىنى تازىلىماقچى
- چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى مەتبۇئات مەسىلىسى ھەققىدە 24 سائەت نامايىش ئۆتكۈزدى
- ئەگەر خىتاي دېموكراتىيىگە يول قويمىسا، مايكروسوفت شىركىتى خىتايدىكى كەسپىنى چېكىنىدۇرۇپ چىقىدۇ