خىتايدا 2006 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئىنتېرنېتكە كىرىدىغان ئادەم سانى يۈز مىليونغا يەتكەن ئىدى. 'مەركىزى ئاگېنتلىقى'نىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا بۇنداق ۋەزىيەتكە قارىتا، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرالى شۇڭ گۇاڭكەي 'خەلقئارادا مەسلىھەت ئېلىش-ئۇچۇر تارقىتىش ئەركىنلىكى بۇيىچە يېڭى تەرتىپ تىكلەش' دېگنە تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان.
'ئاسىيا ۋاقىت گېزىتى'دە مۇلاھىزە قىلىنىشىچە، ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ تەشەببۇس بۇيىچە ئىش كۆرسە، ئىنتېنېت ئەركىنلىكى مەسىلىسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا يېڭى ئالدىنقى سەپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
خىتايدا ئىنتېرنېتكە كىرىدىغان ئادەم سانى يۈز مىليونغا يەتكەندىن كېيىن، خۇ جىنتاۋ ....
خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا بۇيىچە ئىككى خەلقئارالىق ئىنتېرنېت ئالاقىسى ئەھدىنامىسىغا قاتناشقان 60 دۆلەتنىڭ بىرى. بۇ ئىككى خەلقئارالىق ئەھدىنامە پۈتۈن دۇنيادا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋە نەشر ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ئەھدىنامە ئىدى.
خىتاينىڭ 'خەلق گېزىتى' مۇ، خىتاينىڭ 'دۇنيا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتنىڭ نەشر ھوقۇقىنى قوغداش ئەھدىنامىسى" بىلەن " دۇنيا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ ئۈن-سىن مەھسۇلاتلىرىنى قويۇش ۋە كۆچۈرۈپ كۆپەيتىش ھەققىدىكى ئەھدىنامە' دىن ئىبارەت ئىككى خەلقئارالىق ئەھدىنامىغا قاتنىشىشى ھەققىدىكى لايىھە ئەڭ ئالىي قانۇن تىكلەش ئورگىنى تەرىپىدىن ئاللىقاچان تەستىقلىنىپ بولغانلىقىنى 2006 - يىلى 12 -ئاينىڭ 24 - كۈنى يەنە بىر قېتىم خەۋەر قىلغان ئىدى.
خىتايدا 2006 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئىنتېرنېتكە كىرىدىغان ئادەم سانى يۈز مىليونغا يەتكەنلىكى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، 'مەركىز ئاگېنېتلىقى'نىڭ بايان قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ بۇيىل 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا، ئىنتېرنېتتە تور بەتلەر ئالاقىسىنى باشقۇرىدىغان قۇرۇلۇشنى چۇقۇم ياخشى ئىشلەش، تورلارنى ياخشى باشقۇرۇش ۋە تورلادىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك' دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.
ئەمدى يېقىندا، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرالى شۇڭ گۇاڭكەي بۇ ھەقتە 'خەلقئارادا مەسلىھەت ئېلىش-ئۇچۇر تارقىتىش ئەركىنلىكى بۇيىچە يېڭى تەرتىپ تىكلەش' دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان. 'ئاسىيا ۋاقىت گېزىتى'نىڭ تەھلىل قىلىشىچە بۇ، بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىمۇ خەلقنىڭ ئىنتېرنېتكە كىرىش مەسىلىسىگە ئارىلىشىدىغانلىقىدىن، ئىنتېرنېتتە 'يېڭى تەرتىپ تىكلەش' ئارقىلىق 'خېرىدارلار'غا قارشى 'بىخەتەرلىك ھەرىكىتى' قوللىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن ئىنتېرنېت ھەققى بەك يۇقىرى
دۇنيا بانكىسىنىڭ 'خىتايدا ئۇچۇر ئالاقە يېڭىلىقى جەمئىيەتنى ئۆزگەرتمەكتە' دېگەن دوكلاتىدا خىتايدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلىنىدىغان ئىنتېرنېت ھەققى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ شەخسىي كىرىمىگە سېلىشتۇرغاندا بەك يۇقىرى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى .
'جەنۇبىي خىتاي پايتەخت گېزىتى'دە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا ھەر ئايلىق ئىنتېرنېت ھەققى 83 يۇەن 50 سېنت. بۇ، تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە ئېلىنىدىغان ھەق نېسبىتىگە قارىغاندا 10 ھەسسە يۇقىرى. پۈتۈن شەرقى ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونى بۇيىچە ئېيتقاندىمۇ بەك يۇقىرى. خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئەھلى ھازىر ، ھۆكۈمەت ئالىدىغان ئىنتېرنېت ھەققىنى تۆۋەنلىتىنىشنى جىددىي تەلەپ قىلماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت ئارقىلىق بولىدىغان تىجارەتنىمۇ 'سەزگۈر ساھە' دەپ قاراپ ماناپول قىلماقتا
ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شىتاتىدىكى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جوسېپ ئەپەندىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 'ماناپول قىلىشقا قارشى تۇرۇش قانۇنى' ماقۇللىغان ئىدى. ئۇ ئاساسەن بۇ قانۇن ئارقىلىق سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى سەزگۈر مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى كۆزلىگەن.
ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر -ئالاقىسىنىمۇ سەزگۈر مەسىلە، دېگەن دائىرىگە كىرگۈزىۋېلىپ، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان تىجارەتلەرنىمۇ، باشتىن -ئاخىر ھۆكۈمەت ئۆزى ماناپول قىلىپ كەلمەكتە. بۇنداق تىجارەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى باشقىلارنى ھامان 'باھا' ئارقىلىق كەمسىتىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن ئوخشىمىغان كۆز قاراش ۋە ئاۋازلارنى پۈتۈنلەي يوقاتماقچىمۇ؟
خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش پائالىيەتچىلىرىنىڭ تور بېتى بولغان 'ھوقۇق ھېمايىچىسى' دېگەن تور بېتىدە 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش پائالىيەتچىلىرى ھازىر بارغانسېرى ئېغىر دەرىجىدە نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنىشقا، تەھدىتكە، پاراكەنچىدىلىك سېلىشقا، تۆھمەت بىلەن ئەيىبلىنشكە ۋە تۇتقۇن قىلىنىشقا ئۇچرىماقتا.
بۇ تور بېتىدىكى بايانلاردا ئېيتىلىشىچە يەنە، 'خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن، خىتاينى دۇنياغا 'مۇقىم ۋە ئىناق جەمئىيەت' قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، دۆلەت ئىچىدىكى ئوخشىمىغان كۆز قاراش ۋە ئوخشىمىغان ئاۋازلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىشقا بەل باغلىغان ' .
دۇنيا كەچۈرۈم تەشكىلاتىمۇ، 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خىتاينى 'ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشلاش ھەققىدە دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىدى' دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى. (ۋەلى)