ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بارلىق تورخانىلار نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدۇ


2007.07.14

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 580دىن ئارتۇق تورخانىغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ ئاممىۋى ئۇچۇر بىخەتەرلىك ۋە كونترول قىلىش باشقارمىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئامانلىقنى قوغداش مۇلازىمەت شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، بارلىق تورخانىلارغا كۆزىتىش كونترول قىلىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىش خىزمىتىنى باشلىغان.

شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە 128 تورخانىغا كۆزىتىش كونترول قىلىش ئۈسكۈنىسى ئورناتقان بولۇپ، بۇلارمۇ تېخنىكا جەھەتتىن يەنە بىر قېتىم يېڭىلىنىشى كېرەك ئىكەن.

بۇ چارە ئارقىلىق بارلىق تورخانىلارنىڭ ئىچىدىكى ئەھۋاللارنى 24 سائەت كۆزىتىپ كونترول قىلغىلى بولىدىكەن، كونترول قىلىپ ئېرىشىلگەن ئۇچۇرلار جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرىلىدىكەن شۇنىڭدەك يەنە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارمۇ بۇ ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيدىكەن.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئىنتېرنېت خىتايدا تېز تەرەققى قىلماقتا ھەمدە ئۇنىڭغا بولغان كونتروللۇقمۇ كۈنسايىن كۈچەيتىلمەكتە. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ياخو، گوئوگل قاتارلىق شىركەتلەرنى خىتاينىڭ ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقىغا ماسلاشقانلىقى ئۈچۈن تەنقىد قىلىپ ئىسپات بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزگەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.