ئاسىيا ‏- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ

ۋيېتنامنىڭ پايتەختى خانويدا داۋاملىشىۋاتقان ئاسىيا ‏- تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار يىغىنىدا، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ دېھقانچىلىق ۋە غەيرىي دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىۋېتىش مەسىلىسى، ئاسىيا ‏- تىنچ ئوكيان تەشكىلاتىنىڭ ئەركىن مال بازىرى رايونىنى ئېچىش مەسىلىسى ھەمدە رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنماقچى.

ئامېرىكا ئاۋازى تور بېتىدە بايان قىلىنىشىچە، 14 ‏- قېتىملىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنىنىڭ غەيرىي رەسمىي يىغىنى 12 ‏- نويابىر كۈنى باشلانغان بولۇپ، بەش كۈندىن كېيىن باشلىنىدىغان ئاسىيا ‏- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىغا ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن، ياپونىيە باش مىنىستىرى ەنيى پۇسەن ھەمدە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار قاتنىشىدۇ ۋە يىغىن ئاياقلاشقاندا مۇھىم باياناتلار ئېلان قىلىدۇ.

بۇ يىل 7 ‏- ئايدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، برازىلىيە، ھىندىستان ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىقلار دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا دېھقانچىلىق ۋە غەيرىي دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلار بازىرىنى ئېچىۋىتىش مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلەلمەي قاتماللىققا كىرىپ قالغان ئىدى.

نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسىمۇ يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرى ئوتتۇرىغا قويىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا. (مېھرىبان)