ئىراق سايلام ھارپىسىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى


2005.01.28

ئىراقتا يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان مەملىكەتلىك سايلامنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئىراق ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ۋە ئىراقتىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر مەملىكەت بويىچە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى.

باغدات دائىرىلىرى قۇرۇقلۇقتىكى چېگرا ئېغىزلىرى شۇنداقلا خەلقئارا ئايدۇرۇملارنى تاقاپ، ئۆلكىلەر ئارا بېرىپ -كېلىشنى چەكلىگەن. ئىراقتىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ كۆپ قىسمىدا جىددى ھالەت ئېلان قىلىنغان. ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توپىلاڭچىلار كەڭ كۆلەمدىكى پارتلاش ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىپ، پۇقرالارنىڭ سايلام كۈنى بىلەت تاشلىشىنى توساشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. جۈمە كۈنى باغداتنىڭ جەنۇبىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 4 ئادەم ئۆلگەن.

بۇ ئارىدا چەتئەللەردىكى ئىراقلىق مۇھاجىرلار بىلەت تاشلاشقا باشلىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق 14 دۆلەتتىكى 280 مىڭ ئىراقلىق مۇھاجىر بىلەت تاشلاش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرغان. يۇقىرىقى دۆلەتلەردە بىلەت تاشلاش پونكىتلىرى قۇرۇلغان بولۇپ، بىراق نازارەتچىلەر، چەتئەلدىكى بىر مىليون ئىراقلىقنىڭ ئاران 4 دەن بىرى بىلەت تاشلاش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا نۇرغۇنلىغان ئىراقلىق مۇھاجىرلار ئۆزلىرىنىڭ ياكى ئىراقتىكى ئۇرۇق - تۇققانلىرى توپىلاڭچىلارنىڭ ئۆچ ئېلىش نىشانى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بىلەت تاشلاش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرمىغان. ئىراقتىكى سايلامنى 120 دەك خەلقئارا كۆزەتكۈچى نازارەت قىلىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.