ئىران يادرو مەسىلىسىدە خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى


2004.11.07
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئىراننى زىيارەت قىلغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ شەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپىگە قارشى تۇرىدۇ دىدى. لى جاۋشىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئېلىپ بېرىش مەسىلىنى مۇرەككەپلەشۈتۈرىۋېتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، ئىراننىڭ يادرو قوراللار پىلانى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىختىلاپنى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنىنىڭ رامكىسى دائىرىسىدە ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. لى جاۋشىڭنىڭ ئىراندىكى ئىككى كۈنلىك زىيارىتى شەنبە كۈنى باشلانغان. لى جاۋشىڭ تېھراندىكى زىيارىتى جەريانىدا ئىران پرېزىدېنتى ھاتەمى، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كامال خارازىلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

ئۇ، ئىران بىلەن خىتاي تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، سىياسى جەھەتتە بىر بىرىنى ھۆرمەت قىلىش، ئىقتىسادى جەھەتتە بىر بىرىنى تولۇقلاش كۈچى زور، دەپ تەكىتلىگەن. ئىران ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ جەنۋەدىكى يىللىق يىغىنىدا ھەر يىلى خىتاينى قوللاپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىت قىلىش لايىھىسىگە قارشى ئاۋاز بېرىۋاتىدۇ. لى جاۋشىڭ ئىراننى زىيارەت قىلىشتىن بىر ھەپتە ئىلگىرى ئىران تاشقى ئىلار مىنىستىرى كامال خارەزى بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا، ئىران بىلەن خىتاي نەچچە مىليارد دوللارلىق نېفىت ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەن. بۇ ئارىدا ئىران مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى يەكشەنبە كۈنى پارىزدا ئىران يادرو مەسىلىسى بويىچە دەسلەپكى كېلىشىم ھاسىل قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت