ئىران يادرو مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا تەھدىت سالدى
2006.03.08
ئىران چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئىران مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنۇشقا ئۈندىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەھدىت ئىشلىتىپ، "ئەگەر ئىران يادرو مەسىلىسى بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنۇلسا، ئۇ چاغدا ئامېرىكا زىيان ۋە ئازاپقا دۇچ كېلىشى مۇمكىن" دېدى.
ئىران ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى چىقارغان باياناتىدا، " ئامېرىكىنىڭ زىيان ۋە ئازاپ ئېلىپ كېلىش قۇدرىتى بار، لېكىن ئامېرىكا ئۆزىمۇ زىيان ۋە ئازاپقا ئۇچرىشى مۇمكىن" دەپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، " ئىران بىزگە بۇ مەسىلىنى بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنۇشقا مەجبۇر بولۇشتىن باشقا يول قويمىدى" دەيدۇ.
ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسىدىكى ۋەكىلى گرېگورى شۇلتې مەزكۇر ئورۇننىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇلاردىن بۇنىڭغا جىددىي تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئىراننىڭ يادرو تەرەققىياتىغا قارشى تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ھەتتا ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چېينى سەيشەنبە كۈنى " بىز ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىغا ئېرىشىشىگە قەتئىي يول قويمايمىز" دېدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي بىلەن رۇسىيە ئىراننى قايىل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتلەنمەكتە
- ئىران پارلامېنتىنىڭ مۇھىم ئەربابى بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلماقچى
- ئىران ئۇران تاۋلاش مەشغۇلاتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى
- ئىران، ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىشنى توختاتتى
- ئىران ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ









