پۇتىن ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ھەر قانداق بىر ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2007.10.17
ھازىر ئىران پايتەختى تېھراندا دۆلەت زىيارىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ئىران زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكا تەرەپنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ھەر قانداق بىر ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە باشقا كاسپىي رايون ئەللىرىنىڭمۇ ئامېرىكىنىڭ شۇ خىل ھەرىكىتىنى قارشى ئالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ يەنە ، موسكۋا ۋە تېھراننىڭ غەرب ئەللىرىنىڭ كاسپىي دېڭىزىدىن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز يۆتكەيدىغان تۇرۇبا لىنىيىسى پىلانىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
پۇتىن ئالدىنقى كۈنى كاسپىي دېڭىزدىكى بەش دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى ئۈچۈن تېھرانغا يېتىپ كەلگەن ئىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئۇنىڭ تېھرانغا كېلىشىدىكى يوشۇرۇن مەقسىتى بولسا ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رايوندا كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى توسۇش ئۈچۈن ئىكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا پۇتىننىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىنىشىچە، پۇتىن يەنە باشقا چەتئەل كۈچلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رايونغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىغا قارىتا كۈچلۈك قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ:" بىز ھەر قانداق بىر كاسپىي دېڭىز دۆلىتى باشقا چەتئەل كۈچلىرىنىڭ باشقا بىر كاسپىي رايونى ئەللىرىگە قارىتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا ئۆز تېررىتورىيىسىدىن ئورۇن بەرمەيدۇ دېيەلەيمىز" دېگەن.
ئىران پرېزىدېنتى ئەخمىدى نىجات پۇتىن ۋە باشقا كاسپىي رايون ئەللىرىدىن كەلگەن رەھبەرلەرنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە پۇتىننىڭ پىكرىگە ئوخشاش مەيدانىنى ئىپادىلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ۋىلادىمېر پۇتىن 1943- يىلىدىن بۇيان ئىراننى تۇنجى زىيارەت قىلغان رۇسىيە رەھبىرى ئىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى مەسىلىسىدە رۇسىيىنى ھەمكارلىشىشقا چاقىردى
- " ئىران يېڭىدىن يوشۇرۇن ھەربىي يادرۇ مەركىزى ياساۋاتىدۇ "
- ئىران دائىرىلىرى چەت مەملىكەتلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ئۇرۇشچى ئەسكەرلىرىنى ئىراقتىن چېكىندۈرۈشنى قارار قىلدى
- رۇسىيە بىلەن خىتاي ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى
- ئىران جاسۇسلۇق قىلمىشى بىلەن ئەيىبلىنىپ سولاقتا تۇرۇۋاتقان ئىككى نەپەر خىتاينى قويۇپ بەردى
- ئامېرىكا، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىغۇچى قوشۇنىنى "تېررورچى" تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشى مۇمكىن
- ئىران ئىككى خىتاي جاسۇسىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مانېۋىرى رەسمىي باشلاندى
- رۇسىيە خىتاي بىلەن ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاشنى رەت قىلغان
- ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىگە ھەربىي ياردەمنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە
- ئوتتۇرا شەرق تېنچلىق مەسىلىسى خادىملىرى تېنچلىق ۋەكىلى بىلايېر بىلەن ئۇچراشتى