ئامېرىكا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە ۋە خىتاي ۋەكىللىرى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى كۆرۈشتى


2006.01.16
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيىنىڭ ۋەكىللىرى 16‏- يانۋار كۈنى ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى لوندوندا رۇسىيە ۋە خىتاي ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىگە قارشى قانداق تەدبىر ئېلىش كېرەكلىكى مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران يادرو مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئېلىپ بېرىش لوندوندىكى ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسلىق تېمىسىنى تەشكىل قىلغان.

ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە ۋە فرانسىيە ئىرانغا قارشى قاتتىق تەدبىر قوللىنىشقا تىرىشىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر تۆت دۆلەت بۇ مەسىلىدە رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا.

ئىران بىلەن يېقىن ئىقتسادىي مۇناسىۋەتلەردە بولغان رۇسىيە بىلەن خىتاي ھازىرغىچە يادرو مەسىلىسىدە ئىرانغا قارىتا قاتتىق تەدبىر قوللىنىشقا قارشى پوزىتسىيىدە بولۇپ كەلگەن. ئەمما خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارارى ھەتتا رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ پوزىتسىيىسىدىمۇ بەزى ئۆزگىرىشلەرگە سەۋەب بولغان.

ئىران ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە يادرو پىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇرانىئۇم تاۋلاش ئىشىنى قايتىدىن باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئىراننىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنى قاتتىق ئەندىشىلەندۈرگەن.

غەرب دۆلەتلىرى بولۇپمۇ ئامېرىكا، ئىراننىڭ يادرو قورال ياساشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن، ئىران يادرو پىلانىنىڭ پەقەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسى ئىشلەپچىقىرىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلماقتا. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.