بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەزا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى لوندوندا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە يېپىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىگە نىسبەتەن قانداق چارە كۆرۈش ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.
نۆۋەتتە ئىراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسى غەرب دۆلەتلىرى جىددىي قاراۋاتقان مەسىلىگە ئايلانماقتا.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، گەرچە رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى مەيدانىدا بەزى ئوخشىماسلىقلار بار بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم موسكۋا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە تاپشۇرۇشقا قارشى چىقمىغان.
ئىران بىلەن غەربنىڭ كۆز قارىشىدىكى ئىختىلاپ
ئالدىنقى ھەپتىدە ئىران يادرو قورالى پىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا باشلىق غەرب مەملىكەتلىرى جۈملىدىن رۇسىيە بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراشقا مەجبۇر بولدى.
14- يانۋار كۈنى ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنىجاد مۇخبىرلارغا ئىراننىڭ يادرو پىلانى ھەققىدە توختىلىپ، ئىراننىڭ يادرو قورالى پىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىدىن ئەمدى چېكىنمەيدىغانلىقىنى، ئىراننىڭ تىنچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلغان يادرو تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئەمما، بۇنداق تېخنىكىلار ئارقىلىق يادرو قورالى ياساشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، " غەرب مەملىكەتلىرى بىلىشى كېرەككى، ئىران يادرو قورالىنى راۋاجلاندۇرمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىسلام دىنىنىڭ پرىنسىپلىرىغا خىلاپ " دېگەن. ئەمما، ئەخمەدىنىجادنىڭ بۇ بىلدۈرۈشلىرى ئىراننىڭ يادرو پىلانى بولۇپمۇ، ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيانقى غەربكە تۇتقان پوزىتسىيىسىدىكى قاتتىقلىقلارنى سېزىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئۆزگەرتەلمىدى.
ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ئىراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسى بويىچە توختىلىپ، ئىراننى ئاگاھلاندۇرغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىسىنى پەقەت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە تاپشۇرۇپ ھەل قىلىشنىڭ مەنتىقىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى مەركېل خانىم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە ئامېرىكا بىلەن بىردەك كۆز قاراشقا كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، باشقا مەملىكەتلەرنىمۇ بۇنىڭغا قوشۇلۇشقا دەۋەت قىلغان.
رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مەيدانى
ئىراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ھەل قىلىش تەكلىپىگە نىسبەتەن رۇسىيە ھۆكۈمىتىمۇ قارشى تۇرماسلىق پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ بىر يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، رۇسىيە ئىلگىرىدىنلا ئىراننىڭ يادرو تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم كۆرسەتكەن بولۇپ، ئىران بۇ ساھەدە موسكۋانىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. موسكۋا بولسا، ئىراننىڭ بۇ تېخنىكىنى پەقەت تىنچلىق ئۈچۈن راۋاجلاندۇرىدىغانلىقىنى ئىزاھلىغان ئىدى.
ئەمما، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوڭچۇئان ئىران مەسىلىسىدە توختالغاندا، خىتاينىڭ ئىراننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئۈچ دۆلەت بىلەن يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىلەكداش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن خىتاينىڭ بۇ مەسىلىنى بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ھەل قىلىشقا قوشۇلمايدىغان مەيدانىنى ئىپادە قىلغان. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ ب د ت دىكى ئەلچىسى مەزكۇر مەسىلىسىنى بىخەتەرلىك كېڭىشىگە تاپشۇرۇشنىڭ مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇنداق پوزىتسىيىسىگە سەۋەب بولغان ئامىل ئۇنىڭ ئىراندىن ئالىدىغان ئېنېرگىيە مەنپەئەتلىرى بولۇپ، چۈنكى خىتاي ئىران ھۆكۈمىتى بىلەن ئىراندا نەفىتلىك ئېچىش ھەققىدە كېلىشىم تۈزگەن ھەمدە خىتاينىڭ نېفىت ئېھتىياجىنىڭ 13 % نى ئىران تەمىنلىگەن. شۇڭا خىتاي بۇ سەۋەبتىن ناھايىتى ئېغىر تاللاشقا دۇچ كەلدى. بىراق، ئىران يادرو مەسىلىسىنى بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ھەل قىلىشقا خىتاي قوشۇلسۇن ياكى قوشۇلمىسۇن بەرىبىر، بۇ مەسىلىدە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باشقا ئەزالىرى پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارالىق ئاتوم-ئېنېرگىيىسى ئورگىنىنىڭ بۇ مەسىلىدە جىددىي يىغىن ئېچىش كۈن تەرتىپىنى بەلگىلىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن، مەزكۇر ئورگاننىڭ مەسۇلى مۇھەممەد بارادېيى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئائىت ئېنىق ئۇچۇر ۋە ماتېرىياللارغا ئىگە بولۇشى لازىملىقىنى، گەرچە خەلقئارالىق ئاتوم-ئېنەرگىيىسى ئورگىنىغا تېخى مەلۇم بولمىغانلىقىغا قارىماي، ئىراننىڭ مەخپىي يادرو قوراللىرىنى ياساۋاتقانلىقىنىڭ مۇمكىنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىران مالىيە مىنىستىرى داۋۇد دانىش جاپپارى ئىران دۇچ كېلىۋاتقان بېسىملارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ دۆلەتتىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئەھۋالنى بۇزىۋېتىدىغان، ئىرانغا قارشى قوبۇل قىلىنغان ھەر قانداق قارار نېفىتنىڭ باھاسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈۋېتىدۇ" دېيىش ئارقىلىق ئىرانغا نىسبەتەن نېفىت ئېھتىياجى بار دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇرغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىسىھىچە، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، دېموكراتلاردىن كېلىپ چىققان دۆلەت مەجلىس ئەزاسى دىئاننا فايشتېيىن ئەگەر ئىراننىڭ ئاتوم بومبىسى ياساپ چىقسا بەلكى ئۇنى ئىسرائىلىيىگە ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسلەتكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىران پرېزىدېنتى ماخمۇد ئەخمەدىنىجادنىڭ بىر قانچە قېتىملىق ئىسرائىلىيە ھەققىدىكى نۇتۇقلىرىدا ئىسرائىلىيىنى يوق قىلىش شۇئارى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)