ئىران مەسىلىسى مۇرەككەپلەشمەكتە


2006.02.01

iran-exmedinijat.jpg
ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنىجات 1-فېۋرال كۈنى بۇشەر يادرو ئېنېرگىيىسى بازىسىدا يانفوندا سۆزلەشمەكتە. AFP

ئىراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسى مۇرەككەپلەشمەكتە. چارشەنبە كۈنى ئىران پرېزىدېنتى ماخمۇد ئەخمەدىنىجات ئىران دۆلەت تېلىۋىزىيىسىدە نۇتۇق ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمىغا قارىماي، تىنچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان يادرو ئېنېرگىيىسىگە ئىگە بولۇش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىران پرېزىدېنتى ئۆز نۇتقىنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش دۆلەت مەجلىسىدە " دۆلەت ئەھۋالى" ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەپ، بىر قانچە سائەتتىن كېيىن، ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى بىر پورت شەھىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقاندا ئېلان قىلغان بولۇپ، پرېزىدېنت جورجى بۇش سەيشەنبە كۈنى كەچتە سۆزلىگەن نۇقتىدا ئىران مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، " ئىران ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ يادرو پىلانى ئارقىلىق دۇنيا بىلەن قارشىلاشتى، دۇنيا خەلقى ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىغا يول قويماسلىقى كېرەك" دېگەن. بۇش يەنە ئىران خەلقىنىڭ ھامان بىر كۈنى دېموكراتىك دۆلەت سۈپىتىدە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقچىسىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تېھران ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرماقتا

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، رۇسىيە، خىتاي قاتارلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەزا بەش دۆلەت ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسىنى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ھەل قىلىشىغا تاپشۇرۇشقا قوشۇلۇپ، بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىران ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا جىددىي ئىنكاس قايتۇردى. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەگەر ئىراننىڭ يادرو نۇقتىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، ئىراننىڭ دەرھال ھۇجۇمغا ھۇجۇم بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

سەيشەنبە كۈنى بەش دۆلەت قارارىدىن كېيىن، ئىران ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىنىڭ ئەگەر ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئائىت ھۆججەتلەرنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا تاپشۇرسا، ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىنىڭ خادىملىرىنىڭ ئىراندىكى يادرو قۇرۇلۇش نۇقتىلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك يەنە ئۇران تاۋلاشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چۈنكى، بەش دۆلەت سەيشەنبە كۈنىدىكى بىرلەشمە باياناتىدا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئائىت ھۆججەتلەر ھەققىدە بىخەتەرلىك كېڭىشىگە مەلۇمات بېرىشى، ئىراننىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئومۇمىي يۈزلۈك ئۇران تاۋلاش ۋە تەتقىقات ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئىنكاسى

ئىلگىرى ئىراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسىدە ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ، مەزكۇر مەسىلىنى بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ھەل قىلىشقا قارشى تۇرغان خىتاي بىلەن رۇسىيە بۇ قېتىم بىردىنلا مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ، ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئورتاق پىكىرگە كەلگەن، ھەتتا، رۇسىيە ئىران ئۈچۈن رۇسىيە تەۋەسىدە ئۇران تاۋلاش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئىران يادرو ئىشلىرى ئەمەلدارى لارىجانىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا موسكۋا ۋە بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيە ھەم خىتاي بىلەن ئورتاقلىق ھاسىل قىلغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ سەيشەنبە كۈنى لوندوندا ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مونۇچېھىر موتتەقى بىلەن كۆرۈشۈپ ئىراننىڭ تىنچلىق مەقسىتىدە ئاتوم ئېنېرگىيىسىگە ئىگە بولۇشتەك قانۇنى ھوقۇقى ھۆرمەتكە ئىگە بولۇشى لازىم بولسىمۇ، ئەمما ئىراننىڭ ئۆز زىممىسىگە ئالغان مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىنى ئەسكەرتكەن شۇنىڭدەك ئىراننىڭ ياۋروپا بىرلىكى بىلەن دىپلوماتىيىلىك سۆھبەت ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشىنى تەۋسىيە قىلدى. ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن لوندوندا كۆرۈشۈپ، ھازىر ئىراننىڭ يەنە خەلقئارا جەمىيەتكە ئۆز يادرو پىلانىنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرىدىغان ئاخىرقى بىر پۇرسەت بارلىقىنى كۆرسەتكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ۋە رۇسىيە دىپلوماتلىرى چارشەنبە كۈنى تېھرانغا يېتىپ كېلىپ ئايرىم ھالدا ئىران تەرەپ بىلەن سۆزلىشىپ، بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىدۇ شۇنىڭدەك بۇ ئىككى دۆلەت ئىراننى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىنىڭ تەلەپلىرىگە يېتىشكە چاقىرىدىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان رەھبەرلىرىمۇ ئىران مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلىشىدۇ

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا بۇ ھەپتىدە پاكىستاننى زىيارەت قىلىپ، پاكىستان بىلەن ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى قاتارىدا ئىراننىڭ يادرو پىلانى ھەققىدىمۇ سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا نىسبەتەن قاتتىق پوزىتسىيە قوللانماقتا. سەئۇدى تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بىرىنچى ئاينىڭ باشلىرىدا ئىران مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ،" ئىراننىڭ نىيىتى رايونىمىز ئۈچۈن بالايى ئاپەت تەھدىدى ئېلىپ كېلىدۇ" دېگەن. ئەمما، پاكىستان بولسا، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە نىسبەتەن مۆتىدىل پوزىتسىيە قوللانغان بولۇپ، بۇ مەسىلىسىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ھەل قىلىنىشىغا قارشى تۇرۇپ، سۆھبەت ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.