باغدادتا يەنە پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى
2004.09.17
ئىراق پايتەختى باغدادتا جۈمە كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى. برىتانىيە رادىئو- تېلېۋىزىيە شىركىتى ب ب س، پارتلاش ۋەقەسى ئاز دېگەندە بەش ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئىراق دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ۋەقەدە 13 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. پارتلاش باغداد شەھەر مەركىزىدىكى بىر ئاۋات كوچىدا يۈز بەرگەن، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم شەھەر مەركىزىدىكى رەشىد كوچىسىدا بىر ساقچى ماشىنىسىنى نىشانغا ئالغان. ۋەقەدىن سەل ئىلگىرى ئامېرىكا قىسىملىرى بىلەن ئىراق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرى ئارىسىدا رەشىد كوچىسىنىڭ يېنىدىكى ھايفا مەھەللىسىدە قاتتىق توقۇنۇش بولغان ئىدى. بۇ ئىراق ساقچى قىسىملىرىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە 3 - قېتىم چوڭ كۆلەمدىكى ھۇجۇمغا ئۇچرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇنىڭ ئالدىدا سەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن باغدادتىكى پارتلاش ۋەقەسىدە 47 ئادەم ئۆلگەن، باقۇبادىكى ئىراق ساقچىلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇمدا 10 ساقچى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. پەيشەنبە كۈنى كەچتە ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى فالۇجاھدىكى تېررورچىلار يوشۇرىنىۋالدى دەپ قارالغان نىشانلارنى بومباردىمان قىلغان. ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى، قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ 60 ئادىمى يوقىتىلغانلىقىنى جاكارلىدى. فالۇجاھدىكى سەھىيە دائىرىلىرى بولسا ئۆلگەنلەر ئىچىدە پۇقرالارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە . بۇ ئارىدا ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى، ئىراقتىكى توقۇنۇشنىڭ شىئەلەر، سۈننىيلەر ۋە كوردلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىراقتا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 47 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى
- شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتى 9 - سېنتەبىردىكى چوڭ پارتلاش ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بەردى
- ئامېرىكا دىپلوماتىك ئەمەلدارى خىتايدىكى زىيارىتىنى باشلىدى
- ئىراقتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن قوراللىق كۈچلەر توقۇنۇشى داۋاملاشماقتا
- سابىق ئىراق دىكتاتورىنىڭ ياردەمچىسى ئىززەت ئىبراھىم ئەل دورى قولغا چۈشتى
- ئىراقتا گۆرۈگە ئېلىنغان تۈركىيىلىك تۇتقۇنلار ئۆلتۈرىلدى
- ئىراقنىڭ ۋاقتلىق پارلامېنت ئەزالىرى قەسەم ئىچىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالدى
- ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى
- ئىراقتا توقۇنۇش يەنە داۋاملاشماقتا
- ئىراق ساقچىلىرى نەجەفتىكى ئىمام ئەلى مەقبەرىسىگە كىردى