باغداتتىكى پارتلاش ۋەقەلىرىدە 26 ئادەم ئۆلدى


2004.12.03

ئىراق پايتەختى باغداتتىكى جۈمە كۈنى يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق پارتلاش ۋەقەسىدە، 10 ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 26 ئادەم ئۆلدى. پارتلاش ۋەقەسىنىڭ بىرى باغداتنىڭ شىمالىدىكى ئادامىيە رايونىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ يەردىكى ۋەقەدە 14 ئادەم ئۆلگەن. بۇنىڭ سەل ئالدىدا باغداتنىڭ ئەل- ئۇممەل رايونىدىكى بىر ساقچى پونكىتى، قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

بەزى خەۋەرلەردە ئىككىنچى قېتىملىق پارتلاشنىڭ باغداتتىكى شىئەلەرگە تەۋە بىر مەسچىتنىڭ يېنىدا يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلسە، يەنە بەزى خەۋەرلەردە پارتلاشنىڭ ئەل- ئۈممەلدىكى ساقچى پونكىتى ئەتراپىدا يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئىككىنچى قېتىملىق پارتلاشتا 12 ئادەم ئۆلگەن.

ئىراقتىكى ئىسلامچىلارغا تەۋە بىر تور بېتى، پارتلاش ۋەقەلىرى ئابۇ مۇساب زارقاۋى باشچىلىقىدىكى تەۋھىد ۋە جىھاد تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئارىدا ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ۋە ئامېرىكا قىسىملىرى بىلەن بولغان مۇسۇلدىكى توقۇنۇشتا، ئىراق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ 11 ئادىمى ئۆلگەن. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىر ئەسكىرى شىمالىي ئىراقتىكى كەركۈكتە ئۆلتۈرۈلگەن. ئىراقتىكى مۇقىمسىزلىق كېلەر يىلى 30- يانۋاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلامنىڭ تىنچ ئۆتكۈزۈلىشىگە تەھدىت دەپ قارالماقتا. بىراق پرېزىدېنت بۇش، ئىراقتىكى بەزى سۈنئى پارتىيىلەرنىڭ سايلامنى كېچىكتۈرۈش ھەققىدىكى تەكلىپىنى رەت قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.