كىم ئىراقنىڭ باش مىنىستىرى بولىدۇ؟

IRAQ_VOTE_PRESS_13-200.jpg
ئىراقلىقلار گېزىت بوتكىسىدا سايلام نەتىجىسى يېزىلغان گېزىت ئوقۇماقتا. AFP

سايلامدا غەلبە قازانغان شىئە بىرلەشمە ئىراق ئىتتىپاقى، باشقا پارتىيىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئىراق سايلام خادىملىرى، ئىراقتا ئۆتكەن ئاي ئېلىپ بېرىلغان سايلامنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىمقى سايلامدا شىئە مۇسۇلمانلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىرلەشمە ئىراق ئىتتىپاقى كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر پارتىيىگە بېرىلگەن ئاۋاز 50 ٪ تىن ئاشمىغانلىقتىن، سايلامنىڭ نەتىجىسى رەسمىلەشتۈرۈلمىگەن. يەنە بىرقانچە كۈندىن كېيىن قايسى پارتىيىنىڭ ھۆكۈمەت قۇرىدىغانلىقى رەسمىي يوسۇندا ئېلان قىلىنىدۇ.

ئاۋازغا ئېرىشىش ئەھۋالى

بىرلەشمە ئىراق ئىتتىپاقى سايلامدا ٪ 48 ئاۋازغا ئېرىشىپ، كىشىلەرنىڭ بۇ پارتىيىگە ٪ 60 ئاۋاز بېرىلىدۇ دېگەن قىياسىنى بىكار قىلغان. سايلامدا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان پارتىيە كۇردلار بىرلەشمىسى بولۇپ، كۇردلاردىن كېيىنكى ئورۇندا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت مىنىستىرى ئىياد ئالەۋىي 14 ٪ ئاۋاز بىلەن ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. سۇنئىلەردىن تەركىپ تاپقان ئەرەپ بىرلەشمە پارتىيىسى بولسا 4 - ئورۇندا بولۇپ، ٪ 2 ئاۋازغا ئېرىشكەن.

ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن، بىرلەشمە ئىراق ئىتتىپاقى يىغىن چاقىرىپ، كىمنى باش مىنىستىر قىلىپ سايلاش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلماقتا، نۆۋەتتە ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن ئىككى نامزات بىرى ئىبۇراھىم ئەل جافارى بىلەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت مالىيە مىنىستىرى ئادىل ئابدۇل مەخدىدىن ئىبارەت.

ئادىل ئابدۇل مەخدى سايلام ئاخىرلاشقاندىن كېيىنلا، ئىراقتىكى ھەرقايسى پارتىيىلەرنى ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرىپ، سايلامدا غەلبە قازانغان شىئە مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىرلەشمە ئىراق ئىتتىپاقى بىلەن سايلامدا مەغلۇپ بولغان سۇنئى مۇسۇلمانلىرىنىڭ پارتىيىسىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەكىتلىدى.

كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، سايلامدا ئالدىنقى ئورۇنننى ئىگىلىگەن بىرلەشمە ئىراق ئىتتىپاقى، باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. كۇردلار بولسا ئاللىبۇرۇن پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تەلەپ قىلغان، ئامما قائىدە بويىچە سۇنئىلەردىن بىرى، چوقۇم ئىككى مۇئاۋىن پرېزىدېنتنىڭ بىرى قىلىپ تەيىنلىنىدىكەن.

ھازىرقى ھالقىلىق مەسىلە، سۇنئىلەر يېڭىدىن تۇرغۇزىلىدىغان ئاساسىي قانۇن مۇزاكىرىسىگە قاتنىشامدۇ دېگەن مەسىلە بولۇپ، بۇ ئاساسىي قانۇن ئىراقنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ.

ھەقىقى غەلىبە قىلغۇچىلار كىملەر؟

مېنىڭچە كىمنىڭ مىنىستىر بولىشى مۇھىم ئەمەس، مەيلى سۇنئىلەردىن ۋە شىئەلەردىن بولسۇن، ھەتتا خىرىستيان بولىشىدىن قەتئى نەزەر، مەن شۇنى ئۈمىد قىلىمەنكى، باش مىنىستىر، بارلىق ئىراقلىقلارغا ئادىل بولىشى كېرەك، چۈنكى ئىراقتا ياشاۋاتقان ھەممىمىز بىر قېرىنداشلاردىن ھېسابلىنىمىز.

گەرچە شىئە بىرلەشمە ئىراق ئىتتىپاقى سايلامدا غەلبە قازانغان بولسىمۇ، بىراق كۈردلار پارتىيىسىنىڭ قولىدا ئەڭ چوڭ كوزۇر بولۇپ، پەقەت كۇردلار شىيەلەرنى ئېتىراپ قىلغاندا، شىيەلەرنىڭ ھۆكۈمەتتىكى ئورنى بەلگىلىنىدۇ، چۈنكى نۆۋەتتە كۇردلار ئىراق سىياسىتىگە ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان پارتىيىلەردىن ھېسابلىنىدۇ.

شۇڭا ئىراقتىكى ھەرقانداق پارتىيىلەر، ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالىسا ئالدى بىلەن كۇردلار بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەك.

كۇردلارنىڭ ھازىرقى تەلىپى، كۇردلار رايونىدا ئاپتونۇمىيىنى كۈچەيتىش بولۇپ، ئۇلار يەنە قوراللىق كۇرد ئەسكەرلىرى تۇرغۇزۇشنى ھەمدە نېفىت شەھىرى ھېسابلانغان كەركۈكنى ئۆزلىرىنىڭ كونترول قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

بىراق كۇردلار بۇ تەلەپلىرى، كۇردلار ئاز سانلىق مىللەت سانىلىپ ياشاۋاتقان، ئىراققا خوشنا بولغان بىرقانچە خوشنا دۆلەتلەرنى ئەندىشىلەندۈرمەكتە، مەسىلەن تۈركىيە، سۈرىيە ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەر كۇردلار دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇپ قېلىشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ.

ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە، ئىراقتا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە

بۇ ئارىدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ، ئىراققا سايلام ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىدىن، پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئوتۇرىغا قويدى.

ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاك ستراۋ، ئىراقنىڭ پات ئارىدا دېموكراتىيىگە ئېرىشىش ئۈچۈن يەنە بىر قەدەم تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، سايلام نەتىجىسى مارت ئېيىنىڭ باشلىرى، ئىراقنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ پرېزىدېنت ۋە باش مىنىستىرلىرى بولسا مارت ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى ئېلان قىلىنىدىكەن.

سايلام ئاھالىسى "قايسى پارتىيىنىڭ سايلىنىشىدىن قەتئى نەزەر بىزگە بىخەتەرلىك مۇھىم" دەپ كۆرسەتمەكتە

باغدات كوچىسىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاھالىلەر، كىمنىڭ دۆلەت باشقۇرىشىدىن قەتئى نەزەر بىزگە، بىخەتەرلىك كېرەك دەپ بىلدۈرگەن.

40 ياشلىق، كىيىم تىككۈچى خاماس سايلام ھەققىدە توختىلىپ، ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: " مېنىڭچە كىمنىڭ مىنىستىر بولىشى مۇھىم ئەمەس، مەيلى سۇنئىلەردىن ۋە شىئەلەردىن بولسۇن، ھەتتا خىرىستيان بولىشىدىن قەتئى نەزەر، مەن شۇنى ئۈمىد قىلىمەنكى، باش مىنىستىر، بارلىق ئىراقلىقلارغا ئادىل بولىشى كېرەك، چۈنكى ئىراقتا ياشاۋاتقان ھەممىمىز بىر قېرىنداشلاردىن ھېسابلىنىمىز"

مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان 39 ياشلىق يەنە بىر بىر دورىگەر خانىم : " مەن نەتىجە قازىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن ئەركىنلىككە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن يەنە بارلىق ئىراق خەلقىنىڭ بىخەتەر، خاتىرجەم ياشىشىنى، بىر - بىرىگە ياردەم بېرىپ، ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە ئورتاق قارشى تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن" دېگەن. (ئەقىدە)