باغداتتىكى قوراللىق توقۇنۇشتا 24 ئادەم ئۆلدى

ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەر بىلەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىراقنىڭ پايتەختى باغدات شەھىرىدە قوراللىق توقۇنۇشۇپ، 24 ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەر يەكشەنبە كۈنى كەچتە ئامېرىكىنىڭ ماشىنا ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلغان. ئىككى تەرەپ توقۇنۇشىدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ 24 ئادىمىنى ئۆلتۈرگەن. ۋەقەدە شۇنداقلا ئالتە نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى يارىلانغان.

بۇنىڭدىن سىرت، بومبا قاچىلانغان بىر ماشىنا دۈشەنبە كۈنى سۇماررا شەھىرىنىڭ مەركىزىدە پارتلاپ، ئاز دېگەندە ئون ئادەم ئۆلگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باشقا جايلاردىمۇ ئامېرىكىغا قارشى ھۇجۇملار داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، كەركۈك شەھىرىدىكى ھۇجۇمدا بىر ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن. ئامېرىكىنىڭ يەنە ئىككى نەپەر ئەسكىرى باغداتنىڭ غەربىدىكى ئەل ئەنبەر ئۆلكىسىدە بىخەتەرلىكنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن. (ئارزۇ)