ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سانى ئازايتىلىدىكەن


2005.12.23

23 ‏-دېكابىر كۈنى ئىراقنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا مۇداپىئە مىنستىرى دونالد رامىسفېلد، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كېلەر يىلىنىڭ باشلىرىدا ئىراقتىىن بەزى قىسىملىرىنى چىكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

باغدادتا، ئىراقنىڭ پرېزىدېنتى جالال تالابانى ۋە باش مىنستىرى ئىبراھىم جەفەرى بىلەن كۆرۈشكەن ئامېرىكا مۇداپىئە مىنسىتىرى دونالد رامىسفېلد، ھازىر ئىراقتا 160 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى بارلىقىنى بۇ ساننى 2006 ‏- يىلىدا 138 مىڭغا چۈشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن ئۇ ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى سانىنىڭ ، ئىراقتىكى ۋەزىيەتكە قاراشلىق ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ۋەزىيەت جىددىيلەشسە، ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى سانىنىڭ بۇنىڭدىنمۇ كۆپەيتىلىشى مۇمكىنلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، 15 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن رېفراندوم ۋە 15 ‏- دىكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىراققا ئەۋەتىلگەن قوشۇمچە ھەربىي قىسىسملارنى ئىراقتىن چىكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

دونالد رامىسفېلد، 2006 ‏-يىلى ئىراقتا قۇرۇلىدىغان يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن ئىراقتىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ سانى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى .

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىراقتا يېڭى ھۆكۈمەت كېلەر يىلنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلىدىكەن . ئىراق پرېزىدېنتى جالال تالابانى 23 ‏-دېكابىر كۈنى باغدادتا بەرگەن باياناتىدا، ئىراقتا بىر مىللىي ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىراقتىكى پۈتۈن سىياسىي گۇرۇپپىلار بىلەن سۆھبەت باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.