ئىراقتا يۈز بەرگەن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدە 40 تىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئىراق دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۈشەنبە كۈنى ئىراقنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن پارتلاشلاردا ئاز دېگەندە 45 ئادەم قازا قىلغان ۋە 100دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراقنىڭ غەربىدىكى رامادى شەھىرىدە بىر رېستۇرانغا بۆسۈپ كىرگەن ماشىنا پارتلاپ، 19 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، شىمالدىكى مۇسۇل شەھىرىدە كۇرتلار پارتىيىسىنىڭ خىزمەت ئىشخانىسىدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش خاراكتېرلىك پارتلاشتا بولسا 10 ئادەم ئۆلگەن.

قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدە، باقۇبادىكى بىر ساقچى ئىدارىسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 10 ئادەم قازا قىلغان. ئوخشاشلا باغداتتىكى بىر رايوندا يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋىلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا 7 كىشى ، ئىران ئەلچىخانىسى ئەتراپىدا پارتلىغان بومبىدا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

بۇنىڭدىن سىرت ، بىر ئەنگىلىيىلىك ئەسكەر ھەمدە بىر ئامېرىكا ئەسكىرى ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى.

ئىراقتا پارتلاش ۋە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەلىرى ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما دۈشەنبە كۈنى بىرلا ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ھۇجۇملارنىڭ 40 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە يول ئېچىشى، ئىراق ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالدى. (ئەقىدە)