ئىراقتا سايلام غەلىبىلىك ئاياغلاشتى
2005.12.16

تىنچلىقنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ تۇرىۋاتقان ئىراق خەلقىنىڭ سايلىمى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى. سايلام كومىتېتى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سايلامغا قاتناشقان سايلام ئەھلىنىڭ سانى 11 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، بۇ ئىراق ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 70 % ئىنى ئىگىلەيدىكەن .
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، ئىراق خەلقىنىڭ، تېررورچىلارنىڭ تەھدىتىگە قارىماستىن، سايلامنىڭ غەلىبىلىك ئاياغلىشىغا ئاۋاز قوشقانلىقىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
زوراۋانلىق ئاز كۆرۈلگەن
پرېزىدېنت بۇش مۇنداق دېدى: " ئىراق خەلقىنىڭ دېموكراتىيىگە قاراپ ماڭغان بىرىنچى قەدىمىنىڭ نەتىجىلىك ئاياغلاشتۇرغانلىقىنى كۆرۈش، مېنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق بىر ئىش، نەچچە ئون مىڭلىغان ئىراق خەلقى سايلامغا قاتناشتى، مەن بۇ قېتىمقى سايلامدا چۈشكەن بېلەت سانىدىن تېخى خەۋەردار بولمىدىم، بىراق بىز ئىشىنىمىزكى ، بېلەت تاشلاش نىسبىتىدىن قارىغاندا سايلام ئاۋازى ئىنتايىن يۇقىرى بولدى، كىشىنى تولىمۇ خوشال قىلىدىغان يەنە بىر ئىش، سايلام جەريانىدا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئاز كۆرۈلدى" .
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رامىسفېلد، ئىراقتا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامغا باھا بېرىپ "بۇ قېتىمقى سايلام، ئىراق خەلقىنىڭ دۈشمىنى ئۈچۈن بىر مەغلۇبىيەت ھېسابلىنىدۇ " دېدى.
بۇ ئارىدا ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى مەكلېلۇن ، سايلامغا سۈننىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىنتايىن كۆپ بېلەت تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى، پرېزىدېنت بۇش بولسا "سۈننىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ سايلامغا كۆپ ئاۋاز قوشۇشى، بىر تەرەپتىن ئىراقنىڭ داغدام سىياسىي ئىستىقبالىدىن ، يەنە بىر تەرەپتىن سۇننىيلەردىن تەشكىللەنگەن قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ" دېدى.
بۇش: مەقسىتىمىز دېموكراتىك ئىراق بەرپا قىلىش
پرېزىدېنت بۇش سۆزىدە يەنە، بىزنىڭ نىشانىمىز، دېموكراتىيىنى قوللايدىغان، قوغدايدىغان ، تېررورچىلىققا ئورتاق قارشى تۇرىدىغان ئىراق دۆلىتىنى بەرپا قىلىش شۇنىڭدەك مەيلى ئىران ياكى سۈرىيىگە ئوخشاش، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە ئۈلگە يارىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش" دېدى. ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى مېكىلىلان سايلام ھەققىدە يەنە " ئىراقتىكى ئەركىن سايلام، تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بولدى، ئامېرىكا تېررورچىلارنىڭ ئىراقنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ" دېدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ داۋاملىق ئىراقتا تۇرۇش ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپ، ۋەزىپە ئاياغلاشقانغا قەدەر بۇ زېمىندىن ھەرگىز قوشۇن يۆتكىمەيدىغانلىقىنى، ئەگەر قوشۇن يۆتكەلسە بىر تەرەپتىن دۈشمەنگە جاسارەت بېرىش، ئامېرىكا قوشۇنىغا خاتا سىگنال بېرىپ قويۇش ئاقىۋىتىنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
سايلام خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن ئېلىپ بېرىلغان
ئىراقتا سايلام بېلەتلىرىنى ساناش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، سايلامغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرى، سايلام پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلالمىغان. سايلام خادىملىرىنىڭ دوكلاتلىرىغا قارىغاندا ، ئىراقتا سايلام ئىنتايىن قىزغىنلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەندىن سىرت، مەملىكەت بويىچە سايلامغا قاتناشقانلارنىڭ نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان. خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراق سايلىمى خەلقارا ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، سايلام ئەھلىنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىدىن بىر قىسىم رايونلاردا ، سايلام ۋاقتى بىر سائەتتىن ئارتۇق ئۇزارتىلغان .
سايلام كومىتېتى ، سايلام نەتىجىسىنىڭ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن مەلۇم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، سايلام جەريانىدا يۈز بەرگەن خاتالىق ۋە ئىنكاسلار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سۈننىي ئەرەبلەرنىڭ سايلامغا بېلەت تاشلاش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەر ئەڭ كۆپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىراقنىڭ غەربىدىكى رايونلاردا سايلام بېلەتلىرى كەمچىل بولۇش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئىراق پرېزىدېنتى تالابانى " بۈگۈن ، ئىراق خەلقى ئۈچۈن بايرام، ئىراق خەلقى سايلاپ چىققان ھەر بىر ۋەكىل پۈتۈن ئىراق خەلقىنىڭ كەلگۈسى ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ" دەپ كۆرسەتتى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىراق پارلامېنت سايلىمىنىڭ بېلەت تاشلاش ئىشلىرى ئاخىرلاشتى
- ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ئىراقتا ھازىرغىچە 30 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
- ئامېرىكا قوشۇنى ئىراقنىڭ غەربىدە زور يوقىتىشقا ئۇچرىدى
- ئىراق سۈننى مۇسۇلمانلىرى خەلقئارادىن تۈرمە ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
- ئىراقنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى
- باغداتتا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا 4 كىشى ئۆلدى
- ئىراقتىكى ئاساسىي قانۇن سايلىمى ئاياقلاشتى