سادىرى كوچا ئۇرۇشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى
2008.03.30
نۆۋەتتە، ئىراقنىڭ باغداد، باسرا ۋە باشقا شىئەلەر كۆپ جايلاشقان جايلاردا ئۆزلىرىنى مەھدى ئارمىيىسى دەپ ئاتىغان شىئە قوراللىق پىدائىيلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئىراق قوشۇنلىرىغا قارشى كوچا ئۇرۇشلىرى داۋاملىشىۋاتماقتا ئىدى.
يەكشەنبە كۈنى شىئە رادىكال گۇرۇپپىلىرىنىڭ رەھبىرى سادىرى ئۆز ئەسكەرلىرىگە كوچا ئۇرۇشىنى توختىتىشقا ھەمدە چېكىنىشكە بۇيرۇق بەرگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شىئە قوراللىق گۇرۇپپىلىرى باسرا ۋە باشقا جايلاردىن چېكىنگەن، سادىرى ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى پەقەت ئىراقلىقلارنىڭ قېنىنىڭ تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈنلا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە يەنە ئىراق ھۆكۈمىتىدىن تۇتقۇن قىلىشنى توختىتىش ھەم قولغا ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
مەھدى پىدائىيلىرى بىلەن ئىراق ۋە بىرلەشمە ئارمىيە ئارىسىدىكى 6 كۈنلۈك ئۇرۇش جەريانىدا 250 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىكەن. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پرېزىدېنت بۇش ئىراقنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى
- ئافغانىستاندىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا ئىككى كىشى ئۆلدى
- ئامېرىكا ئادېمىرالى فاللوننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكى مۇنازىرە قوزغىدى
- تالىبانلار، ھامىد كارزاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بەرمەكتە
- تۈركىيە شىمالىي ئىراقتىكى كۈرد پارتىزانلىرىغا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قوزغىدى
- باغداتتىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملاردا 99 كىشى ئۆلدى
- ئافغانىستان، ئىراننى ئەيىبلىدى
- ئافغانىستاندا 20 تالىبان مىلىتانتى ئۆلتۈرۈلدى
- ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوتتۇرا شەرققە قارىتا زىيارىتىنى باشلىدى
- سادام ھۈسەيىننىڭ ئۆلۈمىنىڭ بىر يىللىقى
- شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى كۈچلىرى تالىبانلار بىلەن يېڭى بىر مەيدان جەڭ قىلدى









