ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى شارون لىكۇد پارتىيىسىدىن چىكىندى


2005.11.21

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئارىيال شارون ھاكىمىيەتتىكى ئوڭچى لىكۇد پارتىيىسىدىن چىكىندى. ئۇ تېلېۋىزوردا قىلغان نۇتۇقىدا، " لىكۇد پارتىيىسى ئىسرائىلىيىنى دۆلەتنىڭ نىشانىغا يىتەكلىيەلمەيدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شارون 30 يىل ئاۋۋال ئۆزى قۇرۇشقا قاتناشقان لىكۇد پارتىيىسىدىن چىكىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا پرېزىدېنتتىن نۆۋەتتىكى پارلامېنتنى تارقىتىپ، يېڭى پارلامېنت سايلىمىنىڭ ۋاقتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سايلام كىلەر يىلى 3 - ئايلاردا ئۆتكۈزلۈشى مۇمكىن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئارىيال شارون نۆۋەتتە يېڭى سىياسىي پارتىيە قۇرۇشنى پىلانلىماقتا. ئانالىزچىلار، شاروننىڭ ئوڭچى لىكۇد پارتىيىسى بىلەن ئادا- جۇدا بولۇشىنىڭ ئىسرائىلىيە سىياسىي سەھنىسىدە مەنپەئەتلەرنىڭ قايتا تەشكىللىنىپ، ئىسرائىلىيىنىڭ سىياسىي يۆلۈنۈشىنىڭ قايتا بىكىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئارىيال شاروننىڭ بۇ يىل غەززە رايۇنى ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى قىسمەن جايلاردىن قۇشۇن چىكىندۈرۈش ھەرىكىتى ، لىكۇد پارتىيىسىدىكى ئوڭچىلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ئوڭچىلار 1967 - يىلىدىكى ئۇرۇشتا ئىسرائىلىيە ئىگىلىگەن زىمىنلاردا يەھۇدىيلارنىڭ ئاھالە رايۇنلىرىنى كېڭەيتىشنى قوللايتتى. بۇنىڭ ئالدىدا، ئىسرائىلىيىدىكى مۆتىدىل پارتىيە بولغان ئىشچىلار پارتىيىسى شاروننىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتىدىن چىكىنگەن ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.