ئەشكروفت ۋە ئېۋانس خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى
2004.11.10
ئامېرىكىنىڭ ئەدلىيە مىنىسىتىرى جون ئەشكروفت ۋە سودا مىنىستىرى دون ئېۋانس سەيشەنبە كۈنى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىش ئىلتىماسىنى ئاق سارايغا سۇندى. بۇ جورج ۋ بۇش پرېزىدېنتلىككە قايتا سايلانغاندىن بۇيان ئىچكى كابېنت ئەزالىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىستىپا بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پرېزىدېنت بۇش بۇ ئىككى ئەمەلدارنىڭ خىزمەت تۆھپىلىرىنى مەدھىيىلەپ، ئەدلىيە مىنىستىرى ئەشكروفتنىڭ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى ھەمدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەشكروفت ئامېرىكىدىكى كونسېرۋاتىپ خىرىستىئانلار ئارىسىدا ئالقىشقا ئېرىشسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ -11 سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن يولغا قويغان، ئامېرىكا پۇقراسىنى سوراق قىلماستىن ئۇزۇن مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇشقا بولۇش يېڭى بەلگىلىمىسى، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى رەنجىتكەن ئىدى.
بۇش يەنە، سودا مىنىستىرى دون ئېۋانسنىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىشىنىدىغان دوستى ۋە مەسلىھەتچىسى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن ئامېرىكا خەلقىغە بايلىق يارىتىشتا كۆپ تۆھپە قوشقانلىقىنى مەدھىيلىدى.
بۇش نۆۋەتتە كېلەر قېتىملىق پرېزىدېنتلىكى ئۈچۈن ئىچكى كابېنتىنى قايتا رەتلەشكە تەييارلىق كۆرىۋاتقان بولۇپ، بەزى سىياسىي ئانالىزچىلار ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامزفېلنىڭمۇ ئىستىپا بېرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلماقتا. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كانادانىڭ ئامېرىكا سايلام نەتىجىسىگە ئىنكاسلىرى
- ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بۇشنىڭ قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەشتى
- بۇش يەنە بىر قارار پرېزىدېنتلىككە سايلاندى
- خىتاي ھۆكۈمىتى پرېزىدېنت بۇشنى پۈتۈن دۇنيانى سوراشقا تېرىشىۋاتىدۇ دەپ ئەيىپلىدى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى چەن چىچەننىڭ سۆزىگە ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- ئامېرىكا پرېزدېنت نامزاتلىرى ئاخىرقى مۇنازىرىسىنى ئېلىپ باردى
- ئامېرىكا پرىزىدېنت نامزاتلىرى تاشقى سىياسەت ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ باردى
- بۇش، پرىزدېنت سايلىمىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتى بولۇشنى قوبۇل قىلدى
- ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئاخىرقى كۈنىگە قەدەم قويدى