ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئاخىرقى كۈنىگە قەدەم قويدى



Share

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى پەيشەنبە كۈنى ئاخىرقى كۈنىگە قەدەم قويدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى قۇرۇلتىيىدا، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزدېنتى چىك چېينى نۇتۇق سۆزلەپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن پرېزدېنت كاندىدات نامزاتلىقىنى قۇبۇل قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسى كۆرسەتكەن پرېزدېنت نامزاتى جون كەررىگە ھوجۇم قىلىپ، جورج بۇشنىڭلا "تېررورىزىمغا قارشى ئۇرۇش" قا يىتەكچىلىك قىلالايدىغان ئەڭ مۇۋاپىق كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، نيو-يورك شەھىرىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە قارشى نامايىشلار ئۈزۈلمىدى. پەيشەنبە كۈنى قۇرۇلتاي ئېچىلىۋاتقان يىغىن زالىدىكى نامايىشچىلار جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكى ياشلارنىڭ بىر يىغىلىشىغا دەخلى يەتكۈزگەن. بىراق ئۇلار،ساقچىلار تەرىپىدىن دەرھال ئېلىپ كېتىلگەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرگە قارىغاندا، بۇ ھەپتىدىكى نامايىشلاردا نيويوركتا قولغا ئېلىنغان نامايىشچىلارنىڭ سانى 1700 دىن ئاشىدىكەن. (ئارزۇ)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت