2 - مارت كۈنى "تورونتو يۇلتۇزى" تور بېتىدە، "پاسپورتىمىزنىڭ ئىناۋىتى يوق" دېگەن تېمىدا ماقالە ئىلان قىلىندى.
بۇ ماقالىدە كاناداغا كېلىپ پاناھلىق تىلەپ كانادا پۇقراسى بولغاندىن كىيىن، باشقا دۆلەتلەردە زىيارەت ۋە تىجارەتتە بولۇش جەريانىدا ئاۋارىگەرچىلىككە يولۇققانلارنىڭ ئەھۋالى ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلارغا تۇتقان پوزىسىيسىگە نارازىلىقلار ئىپادىلەنگەن.
"ۋەتەن تولىمۇ سېھرلىك . لېكىن، كانادا پۇقرالىرى خەتەرلىك تۇپراقلارغا قەدەم بېسىپ، كېلىشمەسلىككە يولۇقسا كانادا پاسپورتى ھېچقانداق پاناھ بولالمايدۇ" دەپ يازىدۇ ئاپتور. ئاپتور يەنە ، ئۆزبېكىستانغا بېرىپ ئاۋارىچىلىققا يولۇققان، كىيىن ئۆزبېك ھۆكۈمىتى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىل ھەققىدىمۇ ئالاھىدە توختالغان.
خىتايدىن قېچىپ قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئەللەردە سەرسان بولغان سودىگەر ھۆسەيىن جېلىل، كاناداغا كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن ۋە پۇقرالىققا ئېرىشكەندىن كىيىن ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان بىر قېتىملىق زىيارىتىدە قولغا ئېلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇلغان.
ئاپتور بۇ ھەقتە توختىلىپ، "خىتايدەك بەزى دۆلەتلەر، قوش دۆلەت پۇقرالىق سالاھىيتىنى پەقەت ئېتىراپ قىلمايدۇ. كانادا ھۆكۈمىتى ھۆسەيىن جېلىلنى يوقلاش ياكى ئۇنىڭ دېرىكىنى ئېلىش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدى. شۇڭا ھۆسەيىن جېلىل ھازىر خىتاينىڭ غەربىدىكى بىر تۈرمىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكۈزگەن بۇرۇنقى قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئېغىر جازاغا تارتىلىش ھەتتا ئېتىلىپ كېتىش خەۋپىدە ياتماقتا" دەپ يېزىپ كانادا ھۆكۈمىتىنى ئۆز پۇقرالىرىغا ئىگە بولۇشقا ۋە ئۇلارغا پاناھ بولۇشقا ئۈندەيدۇ. (جۈمە)