كاراچىدىكى پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 57 گە يەتتى


2006.04.12

پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە سەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 57 گە يەتتى. شۇنداقلا بۇ ۋەقەدە يەنە 100 نەچچە كىشى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان.

بۇ ۋەقە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرىدىكى پارتلاش ۋەقەسى بولۇپ، ئۆزىگە پارتلاتقۇچ بومبىلارنى تاڭغان ئىككى نەپەر كىشى ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەۋاتقان نەچچە مىڭ سۈننىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ بومبىنى پارتلاتقان. ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا سۈننىي مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىمۇ بار ئىكەن.

پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋەز مۇشەررىف بۇ پارتلاش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى ھەمدە بارلىق دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىدىغان جايلاردا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى بۇيرۇق قىلدى. ھازىرغىچە بۇ ۋەقەنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تېخى ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىدى. لېكىن پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئافتاپخان شېرپاۋ مۇخبىرلارغا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بۇ ۋەقە ئۈستىدىن تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مايكېل ماكېرىي ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پاكىستاندا سۈننىي مۇسۇلمانلىرى كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، كاراچى شەھىرى، سۈننىي مۇسۇلمانلىرى بىلەن شىئە مۇسۇلمانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش كۆپ يۈز بېرىدىغان جايغا ئايلىنىپ قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.