خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى داۋاملىق قولغا ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى


2004.12.06

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا يېڭى بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىلەردە قاتتق قىيىن-قىستاققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ ئالى دەرىجىلىك يىغىنى ھارپىسىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىدىن ۋېن جياباۋ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتى جەريانىدا چوقۇم خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا، خىتايدىكى كىشىلىك پائالىيەتچىلىرىنىڭ يوق باھانىلار بىلەن قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىلەردە قانداق قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىق پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋىن جىياباۋ چارشەنبە كۈنى گوللاندىيىدە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ئۇچىرىشىشتا ۋېن جياباۋ ياۋرۇپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىدىن، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ 15 يىل بۇرۇن خىتايغا قارىتا يولغا قويغان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلدىكەن. ياۋرۇپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بولسا خىتاي بىلەن تېخىمۇ يېقىن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشىدىكەن. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.