كانادا ۋە خىتاي ئارىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئاياقلاشتى


2005.11.03

كانادا ۋە خىتاينىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى پەيشەنبە كۈنى كانادادا ئاياقلاشتى

بۇ يىلقى سۆھبەتكە كانادادىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق نازارىتىنىڭ مەسئۇللىرى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر قاتناشقان .ئۇلار سۆھبەتنى تورونتو، مونتىرىيال قاتارلىق جايلارغا يۆتكەپ ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، خىتاي تەرەپنىڭ ۋەكىللىرىگە كانادا ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تەرتىپى ۋە سوتنىڭ سوتلاش تەرتىپىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن تونۇشتۇرغان.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادا تەرەپ سۆھبەتتە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىشى، قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدا زوراۋانلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كانادا دائىرىلىرى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۆز ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇشى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشى، سىياسىي مەھبۇسلارغا ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلىشى، ئۆلۈم جازاسىنىكۆپ قوللىنىشى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەنچىلىكلىرىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەمما خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەسئولى شىن يۇڭشىياڭ، كانادا دائىرىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان تەنقىدىي پىكىرلەرنىڭ، كانادانىڭ خىتايدىكى ئەمىلىي ئەھۋالنى چۈشەنمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە كۆرىنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ئارىدا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بولغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئىككى تەرەپ كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ ئەمىلىي نەتىجىسى بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، دۆلەتلەرنى خىتايغا تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.