ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارنى تېما قىلغان "ئەجدەرھانىڭ تاپىنى ئاستىدا" ناملىق كىتاپ نەشر قىلىنماقچى


2007.05.11

ئامېرىكىلىق جەمىيەتشۇناس دوكتور بلەين كالتمان تەرىپىدىن يېزىلغان" ئەجدەرھانىڭ تاپىنى ئاستىدا: خىتايدا ئىسلام، ئېرىقچىلىق، جىنايەت ۋە ئۇيغۇرلار"ناملىق كىتاپ پات يېقىندا ئامېرىكا ئوخايو ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنماقچى.

كىتاپتا ئاپتور، يېقىنقى توقۇنۇشلار ئىسلام ئەسلى دىن تەرىقەتچىلىكىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەبچى بولغانلىقىنى شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان دىنىي باستۇرۇش ئۇيغۇر ۋە خىتايلارنىڭ ئۆز ئارا ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا بايان قىلغان.

ئاپتور بۇ كىتاپنى يېزىش ئۈچۈن خىتايچىنى ناھايىتى پىششىق بىلىشتەك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ خىتايدا 5 يىل ماتېرىيال توپلىغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يوشۇرۇن تۈردە نۇرغۇن كىشىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن بىۋاستە سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. بۇ سۆھبەتلەر ئارقىلىق ئاپتور كىتاپتا، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئىجتىمائىي - ئىقتىسادى چۈشەنچىسىدىكى پەرقلەر شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر- بىرىگە بولغان بىر تەرەپلىمىلىك قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئاپتورنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇرلار تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە خىتايلارنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچراۋاتقانلىقىدىن شۈبھىلەنمەيدىغان بولۇپ، بۇ ئېرقىي تۇيغۇ ئۇيغۇرلاردىمۇ خىتايلارغا قارشى بىر تەرەپلىمىلىك چۈشەنچىلەرنى پەيدا قىلغان. بلەين كالتمان، كىتاپتا يەنە، ئۇيغۇرلاردىكى جىنايى ھەرىكەتلەر باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىكىدەك ئۆز ئىچىدىكى جامائەتكچە قارىتىلمىغانلىقىنى، ئەكسىنچە ھۆكۈمدار خىتايلارنى نىشان قىلغانلىقىنى يازغان. 152 بەتلىك بۇ كىتاپ بۇ يىل 9- ئايدا نەشردىن چىقىشى مۈمكىن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.