جەنۇبىي كورىيە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرىنى جازالىشىنى تەلەپ قىلدى


2005.01.13

خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان جەنۇبىي كورىيىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆزلىرىنىڭ بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشىگە قوپاللىق بىلەن توسقۇنلۇق قىلغان خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلدى. بىراق خىتاي تەرەپ بولسا، جەنۇبىي كورىيە دىپلوماتلىرىنىڭ كەچۈرۈم سورىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي كورىيىنىڭ تۆت نەپەر پارلامېنت ئەزاسى چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ شەرقىي شىمال ئۆلكىلىرىدە پاناھلىق تىلەۋاتقان شىمالىي كورىيە مۇساپىرلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاشكارىلىماقچى بولغان.

ئەمما، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى يىغىن مەيدانىغا ئۈسۈپ كىرىپ، مۇخبىرلارنى تارقىتىۋەتكەن. بۇ بىر نەچچە نەپەر جەنۇبىي كورىيە پالامېنت ئەزالىرى يىغىن مەيدانىدىن ئايرىلىشنى رەت قىلىپ، 11 سائەتكە يېقىن تىركەشكەندىن كىيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخىرى ئۇلارنىڭ قىسقىغىچە بايانات بېرىشىگە رۇخسەت قىلغان.

ۋەقەدىن كىيىن، جەنۇبىي كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ سىيولدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، ۋەقەدىن قاتتىق نارازى بولغان. ئارقىدىنلا، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، كورىيە دىپلوماتلىرىنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنى قۇترۇتۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

جەنۇبىي كورىيىنىڭ مەزكۇر دىپلوماتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورىيە مۇساپىرلىرىنى دۆلىتىگە قايتۇرۇش سىياسىتىگە قاتتىق نارازى بولغان، چۈنكى مۇساپىرلار دۆلىتىگە قايتۇرۇلغاندىن كىيىن، شىمالىي كورىيە كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق جازالىشىغا ئۇچرايدۇ.(ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.