خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىغان تۆت نەپەر جەنۇبىي كورىيە پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى، جەنۇبىي كورىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك سۈركىلىش ياراتتى.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تۆت نەپەر جەنۇبىي كورىيە پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بېيجىڭدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىشىنى قانۇنسىز، دەپ جاكارلىغان شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەپۇ سورىشىنى تەلەپ قىلغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتى جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
مەخپىي ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقى
خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان تۆت نەپەر جەنۇبىي كورىيە پارلامېنت ئەزاسى، چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى سەددىچىن -شېرىتون مېھمانخانىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاينىڭ شەرقىي - شىمالىدىكى ئۆلكىلەردە مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان شىمالى كورىيىلىكلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارلىماقچى بولغان. ئامما خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىكى مەخپىي ساقچىلار يىغىن مەيدانىغا ئۈسسۈپ كىرىپ، مۇخبىرلارنى تارقىتىۋەتكەن شۇنداقلا پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن 11 سائەتكە يېقىن ۋاقىت تىركەشكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قىسقىچە بايانات بېرىشىگە يول قويغان ئىدى.
كىم ئەپۇ سورىشى كېرەك؟
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوڭ چۈەن، پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۆت نەپەر جەنۇبىي كورىيە پارلامېنت ئەزاسىنى خىتايدا ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي قانۇنسىز مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىش بىلەن ئەيىبلىگەن. جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەپۇ سورىشىنى تەلەپ قىلغان. بىراق، كوڭ چۈەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەپۇ سورىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كوڭ چۈەن مۇنداق دەيدۇ: "مەن خەۋەردە نېمە دىيىلگەنلىكىنى بىلمىدىم، بىراق خەۋەردىكىلەر راست بولسا، ئۇلار ئالدى بىلەن جوڭگودىن ئەپۇ سورىشى كېرەك". بۇ ۋەقە جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. جەنۇبىي كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ جەنۇبىي كورىيىدىكى باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، ۋەقەدىن نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كوڭ چۈەن تۆت نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بىرى رەسمى ۋىزا بىلەن، قالغان ئۈچ نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ساياھەت ۋىزىسى بىلەن خىتايغا كىرگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، جەنۇبىي كورىيە پارلامېنت ئەزالىرى تېخىمۇ كۆپ شىمالى كورىيىلىكنىڭ خىتايغا قانۇنسىز كىرىشى ئۈچۈن، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشكە ئۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. پارلامېنت ئەزالىرىنى "كۆز بويامچىلارغا ئوخشايدۇ" دەپ ئەيىبلىگەن كوڭ چۈەن، "ئۇلار بۇ يەرگە ساياھەتچىلەر قىياپىتى بىلەن كەلگەن شۇنداقلا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، جوڭگو قانۇنلىرىنى بۇزۇش ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان،" دەپ تەنقىد قىلدى.
ئامما بېيجىڭ دائىرىنىڭ خىتايدىكى شىمالىي كورىيىلىك مۇساپىرلارنى دۆلىتىگە قايتۇرۇۋېتىش ھەرىكىتى، جەنۇبىي كورىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى غەزەپلەندۈرگەن. "ئامېرىكا ئاۋازى" رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيىلىكلەر خىتاي مەخپىي ساقچىلىرىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى بۇزغۇنچىلىقى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئاشكارىلايدۇ، دەپ قارىغان. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى جەنۇبىي كورىيىلىك مۇساپىرلار مەسىلىسىنى نازۇك مەسىلىلەر قاتارىدا كۆرۈپ، مۇساپىرلارنى شۇنداقلا مۇساپىرلارغا ياردەم قىلغانلارنى تۇتقۇن قىلىپ كەلدى.
ئامېرىكىنىڭ ئىنكاسى
جەنۇبىي كورىيىئە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خىتاي مەخپىي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قوپال مۇئامىلىگە ئۇچراش ۋەقەسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى رېچارد بوۋچېر، پەيشەنبە كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. رېچارد بوۋچېر "مەن بىزنىڭ جەنۇبىي كورىيە پارلامېنت ئەزالىرى بېيجىڭدا خىتاي مەخپىي ساقچىلىرى تەرىپىدىن مۇداخىلىگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرگە دىققەت قىلغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش، شۇنداقلا سۆز قىلىش ئەركىنلىكىگە يول قويۇشىنى داۋاملىق تەكىتلەيمىز، دەپ كۆرسەتتى.
بۇ قېتىمقى بېيجىڭدا مۇخبىرلارلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي مەخپىي ساقچىلىرىنىنىڭ توسىشىغا ئۇچرىغان جەنۇبىي كورىيىلىك سىياسەتچىلەر، كورىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيىگە تەۋە ئەزالار بولۇپ، شىمالى كورىيىگە قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈزگۈزىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.(ئەركىن)