ب د ت نىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى كوسوۋانىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە ئىزلەنمەكتە


2007.04.25

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى بۈگۈن، 4 - ئاينىڭ 25 ‏- كۈنى ، كوسوۋانىڭ مۇستەقىل بولۇشى ياكى بولماسلىقىغا دائىر ئەمەلىي شەرت -شارائىتلارنى تەپسىلىي تەتقىق قىلىپ، ئۇنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قوللاش ياكى قوللىماسلىق ھەققىدە ئاخىرقى قارار چىقىرىشتا پايدىلىنىشىغا سۇنۇش ئۈچۈن ياۋروپا بىرلىكىنىڭ بروسسېل شەھىرىگە كەلدى. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەتقىقات پائالىيىتى بەش كۈن داۋام قىلىدىكەن.

كوسوۋانى 1999 ‏- يىلىدىن بۇيان ب د ت ۋاكالىتەن ئىدارە قىلىپ كەلمەكتە. كوسوۋادىكى ئالبانلار سېربىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. كوسوۋانىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى قوللاش ياكى قوللىماسلىق ھەققىدە يېقىندا ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئاۋاز بېرىلىدۇ.

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىرلىكى ب د ت ۋەكىلى ئاختىسارىنىڭ پىلانىنى ، يەنى كوسوۋانىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا يول قويۇش پىلانىنى قوللايدۇ. ئەمما رۇسىيە ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە بۇ پىلاننى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە. ئەگەر بۇ قېتىم ب د ت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەتقىقاتى كۆپ دۆلەت ۋەكىللىرىنى قايىل قىلالىسا، كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن. ئۇنداق بولسا، سېربىيە كوسوۋادىن سېربلار ئۈچۈن يەر - زېمىن تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى مۇمكىن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.