قىرغىزىستان بىلەن ئامېرىكا 2008-يىلى ئامېرىكىدا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ


2007.07.14

قىرغىزىستان جىددىي ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىش مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ مەزكۇر مىنىستىرلىقى ئامېرىكا بىلەن بىرلەشمە مانېۋىر ئېلىپ بېرىشقا پۈتۈشكەن. بۇ پۈتۈشۈم ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ھەربىي ھەمكارلىق ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى پودپولكوۋنىك پاترىك كرەب قىرغىزىستان جىددىي ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىش مىنىستىرلىقىنى زىيارەت قىلىپ، مىنىستىر مۇقامبەت قاسىمالىيەۋ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئوتتۇرىغا چىققان.

قىرغىزىستاننىڭ مىللىي ئۇچۇر ئاگېنتلىقى "قابار"نىڭ خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، قىرغىزىستان ئالاھىدە ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىش مىنىستىرلىقى بىلەن ئامېرىكا تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي -تېخنىكا ھەمكارلىقلىرىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

بىرىنچى قېتىم قىرغىزىستاندا بولغان ئامېرىكا ھەربىي ۋەكىلى پاترىك كرەب ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ،ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستانغا ھەربىي تېخنىكا ياردىمى كۆرسىتىشكە ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغان بىرلەشمە مەشىقلەرنى ئېلىپ بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئىز 'ھار قىلغان.

نۆۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ بىشكەك ئايرودرومىدا ھاۋا ئارمىيە بازىسى مەۋجۇت بولۇپ، بىر ئاي ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبەرت گەيت بىشكەكنى زىيارەت قىلىپ، بۇ بازىنى ساقلاپ قېلىشقا كېلىشكەن ئىدى.

بۇ يىل 16- ئاۋغۇست كۈنى بىشكەكتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى بولىدۇ، بۇنىڭغا ھەتتا ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدى نىجاتنىڭ كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىشى مۇمكىنلىكى ، ھەتتا شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ خۇددى ئاستانا خىتاپنامىسىغا ئوخشاش قارار چىقىرىپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي تەسىرىنى چەكلەشكە تىرىشىشى پەرەز قىلىنماقتا. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.