23-ئىيۇل كۈنى مىسىرنىڭ شارىم ئەش شېيىخ شەھرىدە ئارقىمۇ-ئارقا پارتلاش يۈز بېرىپ، 88 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 200 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پاجىئە كېلىپ چىقتى.
ب ب چ ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچىرىغا قارىغاندا قىزىل دېڭىز بويىدىكى ساياھەت نۇقتىسى ھېسابلانغان بۇ جايدا ئىلگىرى-كېيىن ئۈچ قېتىم پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر ھەشەمەتلىك مېھمانخانا ۋەيران قىلىنغان.
قازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى مىسىرلىقلار بولۇپ، مەزكۇر ۋەقەدە يەنە يەتتە نەپەر چەتئ ئەللىك ساياھەتچىمۇ ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە مەلۇم ساندىكىلىرى يارىلانغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيەداننى كۆزدىن كەچۈرگەن مىسىر پرېزىدېنتى مۇبارەك بۇ پارتلاشلار ھەققىدە توختىلىپ "مەزكۇر ھۇجۇملار مىسىرنىڭ تېررورىزمنى قەتىي يوقىتىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ" دەپ بىلدۈرۈش ئارقىلىق مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىدىغانلىق مەيدانىنى ئىپادىلىدى.
مىسىر ساقچى دائىرىلىرى ۋەقەدىن كېيىن، جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، گۇمانلىق دەپ قارالغان 35 ئادەمنى قولغا ئالدى.
رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، مىسىردىكى ۋەقەدىن بىر كۈن كېيىن يەنى يەكشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىگە قوشنا داغىستان جۇمھۇرىيىتىدە بىر پويىز پارتلاپ، ئاز دېگەندە بىر ئادەم ئۆلگەن، بىر قانچە ئادەم يارىلانغان بولۇپ، ئەسلىدە بۇ پويىزدا ئانچە كۆپ ئادەم يوق ئىكەن. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- لوندوندا ساقچىلار پەيشەنبە كۈنكى پارتلاش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى
- تونىي بلېير ئەنگلىيىدىكى ئىسلام دىنى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
- لوندوندىكى پارتلاش ۋەقەسىنى سادىر قىلغۇچى گۇماندارلار ئەنگىلىيە گراژدانى
- ئەنگىلىيە ساقچىلىرى لوندوندا نورمال ھاياتنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تەشەببۇس قىلماقتا
- ئەنگىلىيە ساقچىلىرى پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن 3 كىشىنى قولغا ئالدى