ئامېرىكا ئاخبارات ئەمەلدارى: خىتايدا ئۆكتىچى كۈچلەرنى باستۇرۇش مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى كۈچەيتمەكتە

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى جون نىگرىپونتى، خىتايدا ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ باستۇرۇلۇشى دۆلەت مۇقىملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتىگە تەسىر قىلماقتا، دېدى.

نىگرىپونتى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بەرگەندە، " خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈپ دۇنياۋى قۇدرەتلىك دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى سېستىمىلىق بىر مەسىلە بولۇشى مۈمكىن. بىراق كومپارتىيىنىڭ پۇقرالارغا سىياسى ئەركىنلىك بېرىشنى رەت قىلىشى بۇ قەدەمنى كېچىكتۈرمەكتە' دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جۇڭگو دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ رىقابەت ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكىنى ساقلاش، پۇقرالارغا خىزمەت تېپىپ بېرىش ۋە يېزا - كەنتلەرنىڭ نارازىلىقىنى بېسىش ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": خىتاي بۇنىڭ ئۈچۈن ئىقتىساد، ئەدلىيە، مائارىپ، مۇھىت سېستىمىسى ۋەخىيانەتچىلىك قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك "

بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى جېيمىس كەيس، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا، " خىتاينىڭ ئىقتىسادى مۆجىزىسى مۇھىت ۋە ئاممىۋى سالامەتلىك جەھەتتە يۇقىرى بەدەل تۆلەشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، ئىجتىمائىي ۋە ئەخلاقىي قىممەت جەھەتتىمۇ زور يوقىتىش ئېلىپ كەلدى" دەپ تەكىتلىگەن. جېيمىس كەيسنىڭ ئەسكەرتىشىچە،خىتاي ئۆز خەلقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق ئىشقا سالمىغىچە،ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە يول قويمىغىچە ئۇلار ئۆز مەقسىدىگە يېتەلمەيدىكەن.

جون نىگرىپونتىنىڭ تەكىتلىشىچە، جۇڭگو ئىقتىسادى ۋە تاشقى سودىسىنىڭ تەرەققىياتى " بېيجىڭنىڭ تاشقى دۇنيادىكى سىياسى تەسىرىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي ئىشلاردىكى زامانىۋىيلىشىش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە " ئۇ، خىتاي شەرقىي - جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىقتىسادى ۋە سىياسى تەسىرىنى تىكلەپ، " بۇ رايونلاردا خىتاينىڭ باش كۆتىرىشىگە قارشى تۇرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ساقلانماقتا " دەيدۇ. (ئەركىن)