رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈردى
2006.01.06
رۇسىيە ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرى كوندالىزا رايسنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنىيە ئوتتۇرىسىدا تەبئىي گاز مەسىلىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئىختىلاپ توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرى5 -يانۋار كۈنى رۇسىيىنىڭ ئۇكرائىنىيىگە بېرىۋاتقان تەبئىي گېزىنىڭ باھاسىنى بۇرۇنقىدىن تۆت ھەسسە ئاشۇرۇشى '' سىياسىي مەقسەتلەر نى نىشان قىلغان '' دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە ''موسكۋانىڭ بۇ ھەرىكىتى رۇسىيىنىڭ تېخى دۇنيانى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشتە مەسئۇلىيەتچان بىر دۆلەت بولالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ '' دېگەن ئىدى.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 6 - يانۋار كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، كوندالىزا رايسنىڭ سۆزلىرىنىڭ قايسى پاكىتلارغا تايانغانلىقى مەلۇم ئەمەسلىكىنى، ھەمدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باياناتىنىڭ رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى ئەجەبلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىسلەر، رۇسىيىنىڭ ئۇكرائىيىنىگە بېرىۋاتقان تەبئىي گېزىنىڭ باھاسىنى تۇيۇقسىز ئۆرلىتىشىنى، ئۆتكەن يىلىدىكى سايلامدا موسكۋانىڭ كاندىداتىنى ئەمەس، غەرب دۆلەتلىرى قوللىغان ۋىكتور يۈشچىنكونى پرېزىدېنت سايلىغانلىقى ئۈچۈن ئۇكرائىنىيە خەلقىنى جازالاش دەپ تەبىرلىمەكتە. (قانات)